大数跨境

شىنجاڭدا بۇ خىل چەكلىمىلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

شىنجاڭدا بۇ خىل چەكلىمىلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ NepKan
2022-06-11
0
导读:قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ...

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىياسەت، تەدبىرلىرى"دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئادەتتىكى تاشيول ۋە تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توسۇش ياكى تاقاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ناھىيە، يېزا، كەنت تاشيوللىرىنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. شىنجاڭغا كىرىدىغان يولدىن باشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ۋە مۇلازىمەت رايونىغا تەسىس قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايونلاردىن كەلگەن يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى يول يۈرۈش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئېگىزلىككە چەك قويۇش دېگەندەك مۇۋاپىق بولمىغان چەكلىمىلەر بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يولىنى قەتئىي توسۇش بىلەن بىللە، قاتناش تورىنىڭ ئۈزلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك رايونلاردىكى ۋىلايەت، شەھەردىن كەلگەن يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا« دەرھال ئەۋرىشكە ئېلىش، دەرھال ماڭدۇرۇش، دەرھال ئىز قوغلاش» تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى باشقا جايدا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرسىمۇ، ھەقسىز سىياسەتتىن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلەيدۇ.
شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە قەرز قايتۇرالمىغانلارنىڭ قەرز مۇددىتى كېچىكتۈرۈلىدۇ
يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىياسەت، تەدبىرلىرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ قەرزى ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە ئىستېمال قەرزى قاتارلىقلارنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قەرزى، يۈك ئاپتوموبىل قەرزى، ۋاقتىنچە قىيىنچىلىقتا قالغان شەخسلەرنىڭ ئۆي قەرزى، ئىستېمال قەرزلىرىنى،  سودا بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يىل ئىچىدە ئىچىدە دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى كېچىكتۈرىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ؛ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلار ياكى ئايرىۋېتىلگەنلەر، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئ‍ېھتىياجى بىلەن ئايرىپ كۆزىتىشكە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بالنىتسا ياتمىغانلار، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقانلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يۇقۇم تەسىرىدىن ۋاقتىدا قەرزنى قايتۇرالمىغانلارنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ئىناۋەت كەسپى، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن دەپ خاتىرلەنمەيدۇ.  
شىنجاڭدا بۇ قەرزنىڭ سوممىسى كۆتۈرۈلدى
ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل ئازلىتىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىياسەت، تەدبىرلىرىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن قەرز پۇل ئېلىشتا، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتىنى %20كە تۆۋەنلىتىش، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنى تەستىقلاش، تارقىتىش قەرەلىنى يەنىمۇ قىسقارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296