大数跨境

بۇنداق تېلېفونغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ!

بۇنداق تېلېفونغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ! NepKan
2022-05-13
2
导读:80 ياشلىق بوۋاي «قايمۇقتۇرۇش»قا ئۇچراپ، 5 مىليون يۈەن پۇلنى ئالدامچىلارغا يۆتكەپ بەرگىلى تاسلا قالدى
بۇنداق تېلېفونغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ! 80 ياشلىق بوۋاي «قايمۇقتۇرۇش»قا ئۇچراپ، 5 مىليون يۈەن پۇلنى ئالدامچىلارغا يۆتكەپ بەرگىلى تاسلا قالدى!


ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تاپشۇرۇۋالدى، ساقچىلار ئاممىنى «ج خ، تەپتىش، سوت» خادىملىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلارنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراپ دەرھال ئارىلىشىشنى قارار قىلدى.




ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ساقچىلار دەرھال 96110 مەخسۇس لىنىيە ئارقىلىق ئالاقىدار كىشى  ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشتى، ئەمما تېلېفوننى ھېچكىم ئالمىدى. خەلق ساقچىلىرى ئالاقىدار كىشىنى «باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قاراپ، دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى.

بوۋاي 80 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق» ئىشى بارلىقى توغرىسىدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلغان، تېلېفۇندا ئۇنى ج خ تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنغان، بوۋاي قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئۇلانمىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگەن.


بوۋاي قارشى تەرەپكە ئۆز پۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئامانەت قويغان بەش مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى بىر بانكا كارتىسىغا يىغىپ، يانفون بانكىسى قاتارلىق كەسپلەرنى ئاچقۇزغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، بوۋاي يەنىلا تېلېفوندىكى ئاتالمىش «ج خ خادىمى» بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانىكەن.


ساقچىلار دەرھال بوۋاينىڭ  پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتىنى توسقان ۋە مۇناسىۋەتلىك بانكا كارتىلىرىنى توڭلاتقان. ئاخىرىدا بوۋاينىڭ يىغقان بەش مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلى ساقلاپ قېلىندى.


خەلق ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققاندا، چوقۇم ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك مەسلىھەتلىشىڭ، ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭ، پۇل يۆتكىمەڭ. ئەگەر گۇمان قىلسىڭىز، ۋاقتىدا ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296