大数跨境

يەل قازاندا زىيانلىق ماددا پەيدا بولامدۇ؟

يەل قازاندا زىيانلىق ماددا پەيدا بولامدۇ؟ NepKan
2022-06-18
2
导读:مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ خىل قازاننى كۆپ ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تېمىلار توردا قىزى


يەل قازان(空气炸锅) ئىشلىتىش مودا بولدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ خىل قازاننى كۆپ ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تېمىلار توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
يەل قازان يېمەكلىككە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ زىيانلىق ماددا پەيدا بولامدۇ؟ باشقا پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، يەل قازاندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانداق؟ قانچىلىك ۋاقىتتا بىر يەل قازاندا يېمەكلىك پىشۇرۇپ يېسە بولىدۇ؟
كېشىن يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇش مەركىزى پەن-تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى  رۇەن گۇاڭفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېمەكلىكنىڭ يەل قازاندا زىيانغا ئۇچراش مىقدارى ئادەتتە كۆپ بولمايدۇ، ئەگەر ئوزۇقلۇقنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىغان ئەندىشە قىلىنسا، «كۆپرەك يېيىش» ئارقىلىق يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشسە بولىدۇ.
يەل قازاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغاندا، ماي قۇيمايمۇ بىر قەدەر ياخشى تەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يەل قازاننى ئىشلىتىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.
بىراق، يەل قازاندا يېمەكلىك پىشۇرغاندا ھەقىقەتەن زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا ئاكرىلامىد پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ماي تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پىشۇرغاندا  بېنزوپىرېن قاتارلىق ماددىلار ھاسىل بولىدۇ.
خەلقئارا راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورگىنى ئاكرىلامىدنى 2A تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن، يەنى بۇ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئادەمدە راك پەيدا قىلىشىغا قارىتا ئىسپاتى چەكلىك، تەجرىبە قىلىنغان ھايۋانلاردا راك پەيدا قىلىشىغا قارىتا ئىسپاتى تولۇق. بېنزوپىرېن بىرىنچى تۈرلۈك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تىزىملىكىدە بولۇپ، بۇ ئادەملەردە راك پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ يەل قازاننىڭ ئۆزىگىلا خاس مەسىلە ئەمەس. باشقا تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرى ئەگەر مۇناسىپ شەرتكە يەتكەن بولسا، ئوخشاشلا بۇ ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
ئۇنداقتا يەل قازاننى ئىشلەتسەك بولامدۇ بولمامدۇ؟
«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تاماق كۆرسەتمىسى 2022»دە، ھوردا پىشۇرۇش، سۇدا قاينىتىش ئۇسۇللىرىنى كۆپ قوللىنىش، مايدا پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئاز قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنغان. ئەمما، ئەگەر ھەقىقەتەن يەل قازاندا ئېتىلغان تاماقنى بەك يېگۈڭىز كېلىپ كەتكەن بولسا تېتىپ باققانغا ھېچنېمە بولمايدۇ.
ئەگەر تاماق ئېتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئاكرىلامىد قاتارلىق ماددىلارنى ئىستېمال قىلىپ قالدىممۇ دەپ ئەنسىرەيدىغانلارغا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىستېمال قىلىش قېتىم سانى، ئومۇمىي مىقدارى ھەمدە پىشۇرۇش ۋاقتى ۋە تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق تەم ۋە بىخەتەرلىكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشقا بولىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296