
بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، دۇنيادىكى ئىلگىرى مايمۇن چېچىكى كېسىلى كۆرۈلمىگەن نۇرغۇن دۆلەتلەردە مايمۇن چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار دوكلات قىلىندى ھەمدە بۇ كېسەل ئاھالىلەر رايونىدا تارقالدى. مايمۇن چېچىكى كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، كىلىنىكىدا دەسلەپكى مەزگىلدىكى پەرقلەندۈرۈش ۋە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى دۆلەتلىك جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «مايمۇن چېچىكى كېسىلىنى داۋالاش كۆرسەتمىسى»(2022-يىل نۇسخىسى)نى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە ئاشكارا ئېلان قىلدى.
كۆرسەتمىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مايمۇن چېچىكى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئادەممۇ ھايۋانمۇ گىرىپتار بولىدىغان ۋىرۇسلۇق كېسەللىك بولۇپ، كىلىنىكىدا ئاساسلىقى قىزىش، ئەسۋە چىقىش، لىمفا تۈگۈنى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان غاجىغۇچى ھايۋانلار ئىكەن. پىرىماتلار تۈرىدىكى جانلىقلار(مايمۇن، شىمپەنزە، ئادەم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقۇملانغاندىن كېيىنمۇ يۇقۇش مەنبەسىگە ئايلىنىدىكەن.
مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى قانداق تارقىلىدۇ؟ كۆرسەتمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇس شىللىق پەردە ۋە زەخىملەنگەن تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدىكەن. ئادەم ئاساسلىقى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان سىرغىما ماددا، قان، باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ياكى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنىڭ چىشلىۋېلىشى، تاتىلاپ يارىلاندۇرۇشى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن. ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا ئاساسلىقى زىچ ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدىكەن، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىقمۇ تارقىلىدىكەن، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بۇيۇملار بىلەنمۇ يۇقۇملىنىش مۇمكىن ئىكەن، يەنە بالا ھەمراھى ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىلىدىكەن. جىنسىي ئالاقە يولى ئارقىلىق تارقىلىشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.
مايمۇن چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ كۆرسەتمىگە ئاساسلانغاندا، كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تىترەش، قىزىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۆپىنچە 38.5 تىن يۇقىرى بولۇش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇچان بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، دۈمبە ئاغرىش ۋە مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا بويۇن، قولتۇق، چات يېرىقى قاتارلىق ئورۇنلاردا لىمفا تۈگۈنى يوغىنايدىكەن. كېسەللىك قوزغىلىپ بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئەسۋە چىقىدىكەن. كېسەللىك قوزغىلىپ قاقاچ چۈشۈپ كەتكەنگە قەدەر تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە داۋاملىشىدىكەن. قىسمەن بىمارلاردا ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدىكەن، جۈملىدىن تېرە زەخىملەنگەن ئورۇندىكى ئىككىلەمچى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش، كانايچە ئۆپكە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە يۇقۇملىنىش، يىرىڭدىن زەھەرلىنىش كېسىلى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.
كۆرسەتمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مايمۇن چېچىكى كېسىلى ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، كۆپ قىسىم بىمارلار ساقىيىپ كېتىدىكەن. ئېغىر كېسەللىك ئەھۋاللىرى كىچىك بالىلار، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىكەن، كېسەللىك ئاقىۋىتى يۇقۇملانغان ۋىرۇس تۈرى، ۋىرۇسنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى، ئىلگىرىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. بۇرۇن ئەملەنگەن چېچەك ۋاكسىنىسىنىڭ مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە گىرەلەشمە قوغداش كۈچى بولىدىكەن.
كۆرسەتمىدە، گۇمانىي بىمارلار ۋە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئايرىم كېسەلخانىغا ئايرىلىدۇ، بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولسا، كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، قاقاچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
---
ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


