大数跨境

بىردەملىك ھېسىيات

بىردەملىك ھېسىيات Esil hinim
2018-03-29
2




بىردەملىك ھېسىيات 


ئابدۇسەمەت ئوسمان 




يار سېنى  سۆيدۈم بىر  مەزگىل، 

ئەپسۇس سەندىن ۋاپا كەلمىدى. 

سەن دەپ باسقان قەدەملىرىمگە، 

شۇكاج تەغدىر قۇۋەت بەرمىدى.

سۆيگۈ  ئۈچۈن  بارىم  ئاتىغان،

ھېسىياتىم  چىن  ئىدى  ئەسلى.

ئازدۇرۇشقا بولدۇڭ سەن ئەسىر،

يېتىپ كەلدى بىزگە كۈز پەسلى.

خەيىر دېدىم كەتتىڭ يولۇڭغا،

ئاغرىنساممۇ  بەخىت  تىلىدىم.

ئازابىم  بار  پۇشايمىنىم  يوق،

سەن قىلغاننى پەقەت قىلمىدىم.

مۇھەببەتتە بولماس نەيرەڭ دەپ،

ئىشەنچ بىلەن  قەدەم  تاشلىدىم.

سۆيگەن يارىم گۆدەككەن ئەسلى،

دەرت-ئەلەمدە  كۆزنى ياشلىدىم.

ئۆز  يولۇمنى  تاپتىم  مەن  ئەمدى،

ئۆتمۈش بولدى بىردەملىك ھېسىيات.

مەندىن  ئۈمۈد  كۈتمىگىن  قىزچاق،

سېنىڭ  قەلبىڭ  ماڭا  بولدى  يات.




【声明】内容源于网络
0
0
Esil hinim
ang yige mazmunden hawardar bolalaysez
内容 115
粉丝 0
Esil hinim ang yige mazmunden hawardar bolalaysez
总阅读91
粉丝0
内容115