大数跨境

مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلى

مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلى Esil hinim
2018-09-26
1
导读:.




مېنى ساقلاۋاتقىنىڭنى بىلىمەن.

بىز مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلى! 

يۈر !

ئاينى قۇچىقىغا سېلىپ ئولتۇرغان 

كەچلىك بازاردىكى مىسكىن ئايالنىڭ 

ساتالمىغان ئالمىسىدىن ئالايلى! 

مۇھەببەت ئازاپ،

جاننى ئ‍الىدۇ، 

ھەسرىتىدىن قۇياش پاتىدۇ. 

ھىجرانى سۆڭەكنى ئۇن قىلىپ ئوينار، 

ۋىسالىدا تاڭلار ئاتىدۇ. 

لېكىن، بىز مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلى! 


يۈر !

قاراڭغۇلۇق يېتىلەپ يۈرگەن

ئارقا كوچىدىكى سەرسان

بالىنىڭ قان تامچىغان يۈرىكىگە سۆيەيلى! 

مۇھەببەت قاندۇر، مۇھەببەت غۇرۇر،

مۇھەببەت ۋەتەندۇر، مۇھەببەتتە نۇر.

مۇھەببەتتىن تۇغۇلىمەن. 

تۇغۇلىدۇ مەندىن مۇھەببەت .

مۇھەببەتسىز ياشىسام، ئېھ ماڭا ئېلىپ كېلەر قىيامەت .

لېكىن بىز 

مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلى!

پانىنىڭ بوسۇغىسىدا ۋىدا ئېيتىپ، 

ئېگىز بىنادىن ئۇچماق ئىستىگەن، 

ھايات-مامات ئاچىلىدا تەكرار تېنىگەن، 

بىچارە بالىنىڭ قولىنى تۇتايلى. 

مۇھەببەت- شاراپ،

سامادىن چۈشكەن.

مۇھەببەت- ئۆلۈم،

بۈگۈندىن ئۆتكەن.

لېكىن، بىز 

مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلى! 


يۈر !

كىرپىكىدىن يۇلتۇزلىرى تۆكۈلىۋاتقان دېھقاننىڭ يېنىغا، 

زەھەرگە بەنت ئوغلىنىڭ پەريادىدىن ئۆلۈۋاتقان ئانىنىڭ يېنىغا، 

نان غېمىدە تېنى بىلەن جانلارنى چىرىتىۋاتقان،

دۇنيانى قېرىتىۋاتقان مەزلۇملارنىڭ يېنىغا...

ئوتلار مۇزلىماقتا.

سۇلار ئۇسسۇماقتا.

گۈللەر ئىسمىنى ئۇنتۇماقتا.

يۈر! بىز 

ئۇلارنىڭ يېنىغا بارايلى.

مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلى.

سېنىڭ ساقلاۋاتقىنىڭنى بىلىمەن...


بۇيەر: دۇنيانىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى بېسىققان دەملەردە يۈرىكىمىزدىكىنى تىڭشايدىغان يەردۇر.

...

—— خەيرىلىك كەچ ——

تىخىمۇ كوپ نادىر  ئەسەرلەرنى ئاڭلىماقچى ۋە ئوقۇماقچى  بولسڭىز سالونىمىزنى قوشۋىلىڭ

قوللاش سزدىن يوللاش،بەھىرلەش بىزدىن

سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرسىڭىز تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن سالۇنىمىزنى دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ رەھمەت 

مۇنبەرسالۇنى

ID:Munbar12

【声明】内容源于网络
0
0
Esil hinim
ang yige mazmunden hawardar bolalaysez
内容 0
粉丝 0
Esil hinim ang yige mazmunden hawardar bolalaysez
总阅读0
粉丝0
内容0