大数跨境

دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەردىكى 20 جۈملە ئېسىل سۆز

دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەردىكى 20 جۈملە ئېسىل سۆز Esil hinim
2019-09-19
2



ئەسكەرتىش سالۇنىمىزدىكى ھەر قانداق ئەسەرلەرنى باشقا  سالۇنلارنىڭ روخستىمىزسز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ


دادامەن سزنى ھازىرمۇ  سۆيىمەن \ئىسل ھىكايە

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
1. گارسىيە ماركۇزنىڭ «يۈز يىللىق غېرىبلىق» ناملىق ئەسىرى
ئۆتمۈشنىڭ ھەممىسى يالغان، ئەسلىمە بىر قايتىش يولى يوق يول، ئۆتۈپ كەتكەن بارلىق باھارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ، ناھايىتى قىزغىن، ناھايىتى چىن مۇھەببەتمۇ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوق بولالايدىغان رىئاللىق خالاس، پەقەت غېرىپلىقلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
2. ھاياتلىقتا ھەقىقەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ نېمىگە يولۇققىنىڭىز بولماستىن، بەلكى سىزنىڭ قايسى ئىشلارنى ئەستە تۇتالىغىنىڭىز، قانداق ئەستىن چىقارمىغانلىقىڭىز.
3. بىز ھاياتلىقتىن ئىبارەت قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇساپىدە ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، قايغۇ-ھەسرەت پۈتۈن بەدىنىمىزنى چىرمىۋالغان، ئېغىر ئازابلارغا دۇچار بولغاندا چارچايمىز، ئەمما ئەسلا قەدىمىمىزنى توختاتمايمىز، ئازابلىنىمىز، ئەمما ھەممىنى قايتۇرۇۋالالمايمىز.
سېرۋانتىسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق ئەسىرى
4. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يۇيۇلمايدىغان ئەسلىمە بولمايدۇ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ساقايمايدىغان ئاغرىق بولمايدۇ.
5. تارىخ ھەقىقەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ ۋاقىت بىلەن قارشىلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۆتمۈشنىڭ گۇۋاھچىسى، بۈگۈننىڭ ساۋىقى، كەلگۈسىنىڭ ئەينىكى.
ھىيوگونىڭ «پاجىئەلىك دۇنيا» ناملىق ئەسىرى
6. چەكسىز يورۇقلۇق تارقىتىدىغىنى كىشىنىڭ قەلبى، چەكسىز قاراڭغۇلۇق ھاسىل قىلىدىغىنىمۇ كىشى قەلبى، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇ دەل بىز مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيدىغان، ھەم ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالىدىغان كىشىلىك ھايات.
7. مەن ئۆزۈمنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، كەلگۈسۈمنى ئېچىشنى خالايمەنكى، ھەرگىز باشقىلارغا يالۋۇرمايمەن.
تولىستوينىڭ «ئاننا كارېنىنا» ناملىق ئەسىرى
8. بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ ئوخشاش بەختى بولىدۇ، بەختسىز ئائىلىلەرنىڭ ئوخشاش بەختسىزلىكى بولىدۇ.
9. «سۇ تولسا تېشىپ كېتىدۇ، ئاي تولسا زىيان بولىدۇ»، بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن تېخىمۇ چىرايلىقى بولغان، ئەمما ئەڭ چىرايلىقى بولمىغان. ئەڭ مۇكەممەل بولۇشقا قاراپ ماڭغان شۇ پەيت دەل كىشىنىڭ ئاسانلا قارشى يولغا مېڭىپ قالىدىغان پەيتى ھېسابلىنىدۇ.
10. كىشىلەر ئۈمىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشايدۇ، ئۈمىدلىك بولغاندىلا، كىشى ئاندىن ياشاش غەيرىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
11. كىشىلەر دائىم نەپسىنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىنى بەخت دەپ قارىۋالىدۇ.
ھىيوگونىڭ «پارىژ شېومۇيۈەن چېركاۋى» ناملىق ئەسىرى
12. كىشىنىڭ قەلبى بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئۈمىدسىزلىنىشنى قوبۇل قىلالايدۇ، بۇلۇت يېتەرلىك دەرىجىدە سۇ سۈمۈرگەندىن كېيىن، ئۈستىدىن ھەرقانچە كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنى ئۆتسۇن، ئۇنىڭغا بىر تامچىمۇ سۇ يۇقمايدۇ.
13. بۇ قاش قارايغان چاغدىكى قۇياش، ئەمما بىر ئۇنى تاڭ نۇرى دەپ ئويلاۋاتىمىز.
14. مۇھەببەت بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، قەلبىمىزگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى خارابىلىكتىنمۇ يىلتىز تارتىپ ئۆسۈپ چىقالايدۇ. بۇنداق ھېسسىيات قانچە قارىغۇلارچە بولسا، شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەس. ئۇ ھېچقانداق داۋلىغا ئىگە بولمىغاندا، ئاندىن ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
شارلوت برونتنىڭ «ئاددىي مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرى
15. مەن قانچە يالغۇز قالسام، قانچە دوستسىز قالسام، قانچە قوللاشسىز قالسام، ئۆزۈمنى شۇنچە ھۆرمەتلەيمەن.
16. مەن نامرات، ئىجتىمائىي ئورنۇم تۆۋەن، چىرايلىق ئەمەس، ئەمما بىز بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ يەنە بىر دۇنياغا بارغاندا ھەممىمىز باراۋەر.
شېكېسپېرنىڭ «ۋىنتىسىيە سودىگىرى» ناملىق ئەسىرى
17. سىرتقى قىياپەت دائىم نەرسىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ، كىشىلەر دائىم سىرتقى قىياپەتتىكى پەردازغا ئالدىنىپ قالىدۇ.
18. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن، ئۇنى قوغلاشقان ۋاقىتتىكى قىزىقىش ھەمىشە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغاندىكى قىزىقىشتىن كۈچلۈك بولىدۇ.
موپاسساننىڭ «ياغ شارچىسى» ناملىق ئەسىرى
19. بەزىدە مەن نازۇكلىقىمدىن بىر ئېغىز گەپكىمۇ يىغلاپ كېتىمەن، بەزىدە يەنە ئۆزۈمنىڭ چىشىمنى چىشلەپ خېلى ئۇزاققىچە ماڭغىنىمنى بايقايمەن.

20. تۇرمۇش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە نەس بېسىشىمۇ ناتايىن. كىشىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە قەيسەرلىكىنىڭ ھەممىسىنى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بەلگىلەيدۇ.

ياخشىمۇسىز مۇنبەر سالونىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىسى،مۇشۇ ۋاقتىڭىز خەيىرلىك بولسۇن.بۇ مەزمۇن سىزگە يارىدىمۇ؟يارىغان بولسا ئاستىدىقى ئېلاننى  چىكىپ قويۇڭ،سىزدىن ھېچقانداق پۇل تۇتمايدۇ!ئەگەر مەزمۇنلىرىمىزغا پىكىرىڭىز بولسا سالونغا بىۋاستە خەت يېزىش ئارقىلىق پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇڭ 

    مۇنبەر——




感谢您抽出  · 来阅读此文

更多精彩请点击【阅读原文】哦

↓↓↓

【声明】内容源于网络
0
0
Esil hinim
ang yige mazmunden hawardar bolalaysez
内容 0
粉丝 0
Esil hinim ang yige mazmunden hawardar bolalaysez
总阅读0
粉丝0
内容0