

ئەسكەرتىش سالۇنىمىزدىكى ھەر قانداق ئەسەرلەرنى باشقا سالۇنلارنىڭ روخستىمىزسز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ

گۇناھ كىمدە
قەلەمدە مىھرىبان ئەمەت خەندان
بىر ناتىۋان كىچىك بالا كوچىدا يىتىملىك دەردىدە قورسقى ئاچ ھەريان تەلمۈرەتتى،، ئەتراپتا سانسىز كىشلەر ئالدىراش خۇددى ھىچ ئىشنى كۆرمىگەندەك،، رىستۇراندىن دۈۋىسى بىلەن تۈكىلۋاتقان سانسىز تائاملار،، ئازراق بولسىمۇ قورسىقنى توقلاش غىمىدە كوچىدا سەرسان بولغان بىچچارە بالا……… ئېيتىڭ گۇناھ كىمدە .

بىر غېرىپ بوۋاينىڭ يول يوللاردا ئەخلەت ئارىسدىن قۇرۇق بوتۇلكا يىغىۋاتقانلىقنى كۈرمىز،،، قوللىرى قاپارغان چىرايىغا قۇرغان يەرنىڭ يۈزىدەك قورۇق چۈشكەن ئاپىللىرمىزنىڭ كوچىدا تازلىق قىلۋاتقانلىقنى كۈرمىز……
قولغا سۈپۈرگىنى ئېلىش ئۇياندا تۇرسۇن، قولمىزدكى ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرنىڭ ئەخلەتلىرنى تاشلىغىنىمىزچە كىتىپ قالمىز،،،، قۇلمىزدىكى ئوننەچچە يۈۋەن خەجلەپ بىر قىتىم ئۇسسۇزلىقىمىزنى قاندۇرغان بىر بۇتۇلكىنىڭ بىر ناتىۋان بوۋاينىڭ ئۈيىنى قامداش ئۈچۈن قانچلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكنى ھىس قىلالمايمىز……ئېيتىڭ گۇناھ كىمدە؟

يول يوللاردا،،، ھەرخىل ئاممىۋى سورۇنلاردا ياشانغانلارغا،، مېيىپلارغا ئالاھىدە كۈڭۈل بۈلۈش ئۈچۈن يىزلىغان بېغىشلىما، لوزۇنكىلار قاتار قاتار…
ئەمىليەتتىچۇ، بىز ئون يۈۋەننىڭ مىھرىدىن كىچىپ بىر غېرىپنىڭ قورسىقنى توقلىمايمىز،، نەچچە يۈز يۈۋەن خەجلەپ بىر بوتۇلكا ھاراق ئىچىپ ئەسلىمىزنى، ۋەسلىمىزنى يۇقتىمىز……
ئېيتىڭ گۇناھ كىمدە؟

ئىپپەتلىك بىر قىزنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تار كوچىدا تامغا يۈلنىپ تۇرۇپ قولىدىكى تاماكىنى ئەلەم بىلەن شوراۋاتقانلىقنى كۈرمىز…ئىچىمىزدە مىڭنى تىللايمىز،، ئەمما بۇ قىزنىڭ شۇ ھايا بىلەن ياشاۋېتىپ قانداقلارچە بۇ يولغا كىرىپ قالغىننى ئويلاشمايمىز…
تۇرمۇش غېمى ئۈچۈن ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشۋاتقاندا ئۈستى ئۈستىلەپ كەلگەن بېسىملار ئىچىدە ئۇنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەي جاھانغا قاراپ «ئەي ئەركەك ! » دەپ خىتاپ قىلۋاتقاندا ئەركەكلىرمىز قانداقتۇر ئۇيۇن تاماشا كۈڭۈل ئېچىش مەيدانلىردا،، يالغان بىلەن بۇيالغان،، كىچىش تەس بولغان رەڭگارەڭ دۇنيادا ئۈزىنىڭ سىڭلىسى، گاھى قىزى دىمەتلىك قىزلار بىلەن ئىشرەت كوچىسدا كىتۋاتقانلىقنى كۆرسىز…
يۈز نەچچە يۈەن خەجلەپ بىر قىزنىڭ بەدىنى يېپىلغىدەك كىيىم ئەپ بىرىشكە قىيمىغان شۇ كۈڭۈللەر نەچچە يۈز ھەتتا مىڭلارنى خەجلەپ ئىپپەتلىك قىزلارنىڭ «بۇزۇق»لار قاتارىغا چىقىشقا سەۋەپ بۇلىدۇ.
نىمدىگەن ئېچىشنىشلىق……

ئۆز ئارا كۈيۈنۈش چۈشنىش بولسا،،، مھرىمىزنى توغرا يولدا ئىپادىلەپ قوللارنى قوللارغا تۇتشساق،، كوچىدا يىتىم بالا، سەرسان بۇۋاي،، مىسكىن مۇمايلار پەيدا بۇلۇشنى ئازايتالايتۇق…قايسىمىز مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايمىز؟؟؟
قەلەمدە مىھرىبان ئەمەت «خەندان»
2019-9-19
ياقتۇرغان بولسىڭىز ئاستدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيۇڭ




