كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چوقۇم ئاپتوماتىك ھەيدەشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمما، ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىللارمۇ ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ۋاز كەچسە بولمايدىغان بىر ساھە. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئىچىدىكى جىلى، شياۋپېڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىل ساھەسىدە بەلگىلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھەممىباپ ئاپتوموبىل شىركىتىمۇ يېقىندا ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىل مەھسۇلاتىنى روياپقا چىقاردى.
1- ئاينىڭ 12- كۈنى شىمالىي ئامېرىكا 2021-يىللىق ئىستېمال ئېلېكترون كۆرگەزمىسى باشلاندى، كۆرگەزمىدە، ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىقى كادىلاك ماركىسىدىكى ساپ توكلۇق ئۇچار ئاپتوموبىلنى ئېلان قىلدى. (ۋىدېئو ئارقىلىق كۆرۈپ بېقىڭ)
بۇ ئاپتوموبىل تۆت پىرقىرىغۇچلۇق قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، تىك كۆتۈرۈلۈپ، تىك قونالايدۇ، بىر كىشىلىك لايىھەلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شەكلى بىر قەدەر غەلىتە بولۇپ، ئالدى-كەينى، ئاستى-ئۈستى پىرقىرىغۇچلۇق قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئوتتۇرىسى ھەيدەش بۆلمىسى.
كابىنكا ئىشىكى ئالدىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇ بىر ئۆلچەملىك تۆت چاقلىق ئاپتوموبىلغا «ئۆزگىرىدۇ»، يېپىلغاندىن كېيىن، بىر «ئۇچقۇ»غا، فانتازىيەلىك تۈستىكى بىر ئۇچار ئاپتوموبىلغا ئايلىنىدۇ.
ئورگان تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ خىل ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىلىغا 90kWhلىك باتارىيە سەپلىنىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتى 90km/h بولۇپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئۇچۇش ئۇسۇلىدا شوپۇرسىز ھەيدەشنى قوللايدىكەن.
بىراق ھازىر بۇ ئاپتوموبىل يەنىلا ئۇقۇم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ يېنىمىزغا قاچان يېتىپ كېلىدۇ، يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.