تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېفىت باھاسى بۈگۈن سەھەردە ھەر توننىسى 345 يۈەن ۋە 330 يۈەن ئۆسكەن، بۇ مۆلچەردىكى ئۆسۈش نىسبىتىدىن بەش يۈەن يۇقۇرى بولغان، بۇ، بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 2-قېتىملىق نېفىت باھاسىنى تەڭشەشنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 92-نومۇرلۇق، 95-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.27 يۈەن، 0.29 يۈەن ۋە 0.29 يۈەن ۋە 0.28 يۈەن ۋە 0.28 يۈەن ئۆسكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىكى شۇ قېتىملىق ماي باھاسى بىلەن قوشقاندا ئۇدا 0.38 يۈەندىن 0.40 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلگەن،( ئاپتوموبىل ئىگىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كېيىنكى قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ سەل تۆۋەنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)، بۇلتۇر ماي باھاسى خېلى زور دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇيىلمۇ بۇنداق ماي باھاسى ئۆسۈش يەنە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
بۇ قېتىمقى ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى 2022-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن مەملىكەت بويىچە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر لېتىرىنىڭ 7.46 يۈەنگە ئۆستى، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى 7.98 يۈەن / لېتىر بولۇپ، نۆلىنچى نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لېتىرى 7.07 يۈەنگە ئۆستى. دۆلەت ئىچىدە ماي باھاسى ئۆسۈش بىلەن بىرگە، برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى ھەر تۇڭىنىڭ 86 دوللارغا چىقتى. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرى بۇ سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ،شۇ چاغدا 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7.60 يۈەن ، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 8.12 يۈەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىنى تەڭشەشتە بەزىدە ئارقىدا قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك باھا ھېسابلاشتىن باشلاپ ماي باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى نېفىت باھاسىنى تەڭشەشكە ئاساسلىنىپ ھېساپلىساق، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ماي باھاسى ھېسابلاشتىن باشلاپ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 200 يۈەنگە ئۆسىدىغانلىقىنى تەخمىنەن ھېسابلىغىلى بولىدۇ، بۇ قانداق ئۇقۇم؟
2016-يىلىدىن بۇيانقى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان بۇلتۇرقىدىن قارىغاندا، بۇلتۇر ماي باھاسى جەمئىي 15 قېتىم ئۆسكەن، ھەر توننىسى 2715 يۈەن ئۆسكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر توننىسى 181 يۈەن ئۆسكەن، مۇشۇ جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ئايدا ماي باھاسىنى تەڭشەشتە ماي باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆسىشى مۇمكىنكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ماي باھا جەدىۋىلى
2022年1月18日
| 92#(93) | 95#(97) | 0# | |
|---|---|---|---|
| شىنجاڭ | 7.33 | 7.88 | - |
| ئۈرۈمچى | 7.33 |
7.88 |
- |
| ئىلى | 7.43 |
- |
- |
| قاراماي | 7.30 |
7.86 |
- |
| بورتالا | 7.40 |
- |
- |
| تۇرپان | 7.20 |
- |
- |
| خوتەن | 7.30 |
- |
- |
| قۇمۇل | 7.29 |
- |
- |
| قەشقەر | 7.29 |
- |
- |
| تارباغاتاي | 7.02 |
- |
- |
| كورلا | 7.28 |
- |
- |
| سانجى | 7.33 |
- |
- |
| ئاقسۇ | 7.01 |
- |
- |
| ئالتاي | 7.43 |
- |
- |
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

