داڭلىق ياش ئاكتىيور، ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇرېھىم راخمان تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجدار
ۇگ«رېھىم قان» ئوبرازى بىلەن ئەلگە تونۇلغان داڭلىق ياش ئاكتىيور، كومېدىيە چولپىنى ئابدۇرېھىم راخمان 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئارزۇسى بويىچە مەركىزىي تىياتىر شۆيەنىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپى يەنى 4-قارار شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا كەسپىي دەرسلەرنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوبراز يارىتىش تېخنىكىسىنى ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ ئۈگەنگەن. 1998-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولغان «مۇھەببەت ھەققىدە رىۋايەت» ناملىق ئوپېراغا قاتنىشىپ تېۋىپ ئوبرازىنى ئاجايىپ ياخشى ياراتقان. شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىغا خىزمەتكە چۈشكەن.
خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۆمەكتىكى پېشقەدەم كومېدىيە ئارتىسلىرىدىن ئەستايىدىل ئۈگىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئۇزۇنغا قالماي ئۆمەكتە ياش كومېدىيە چولپىنى بولۇپ تونۇلغان.
ئابدۇرېھىم راخمان گەرچە تىياتىر ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان بىلەن ئۇنىڭ ئېكراندا ياراتقان ئوبرازلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: 1999-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن تىيانشان كىنو سىتودىيەسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «ئۇ دۇنياغا سەپەر» ناملىق ئىككى قسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ يولدىن ئازغان ياش تۇرسۇن ئوبرازى بىلەن ئېكران ھاياتى باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن 2002-يىلى «بىرىنچى ئاۋغۇست» كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «مىللىي ئەترەت ناخشىسى» ناملىق 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئازات رولىنى، 2004-يىلى شىياڭگاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «تىيانشانغا كەلگەن يەتتە قىلىچۋاز» ناملىق 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول، 2012-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن تىيانشان كىنو سىتودىيەسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «ئانارخان» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سەلبىي رول، 2015-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «بىزنىڭ مەھەللە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئاساسلىق رول، «تاكسىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئىبو، «دادامنىڭ ئايالچە ۋەلىسپىتى» ناملىق مىكرو فىلىمدە دادا قاتارلىق ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.
ئابدۇرېھىم راخمان ئۇنىڭدىن باشقا ئۆمەك تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «غۇنچەم»، «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق»، «قالايمىقانچىلىق» قاتارلىق مۇزىكىلىق تىياتىر ۋە دىرامىلاردا ئوخشىمىغان پېرسۇناژلار ئوبراز يارىتىپ ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان چولپانلارنىڭ بىرسى بوپ قالدى. بولۇپمۇ «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق» ناملىق دىرامىدا ياراتقان «ئىبو» يەنى ئىبراھىمدىن ئىبارەت بۇ كومېدىيەلىك ئوبرازى كۆرۈرمەنلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
ئابدۇرېھىم راخماننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا ئۇنىڭ ئوينىغان ئىتوتلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلنىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە سەھنە ۋە ئېكرانلاردا «مېھمان»، «ئەيسانىڭ ئۆيىدە مەشرەپ»، «كومېدىيە»، «تىراگېدىيە»، «غېرىپ-سەنەمنىڭ ھەسرىتى»، «ئېلان ئىشلەش»، «م ت ۋ ئىشلەش»، «فىلىم ئىشلەش»، «تەجرىبە»، «يانفون1 »، «يانفون2»، «يانفون3»، «ھەسەن تاز بىلەن ھۈسەن چىمچىق»، «غەيۋەت قىلغىنىم ئەمەس»، «ۋاي بالام»، «كېلىچەكنىڭ ئىگىلىرى»، «مەسئۇلىيەت»، «مايلامچىلار»، «ئارتىس تاللاش»، «ئايپاتەم 2« قاتارلىق يۈزگە يېقىن ئېتوتتا بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان كومېدىيەلىك روللارنى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ «رېھىم قان» ئوبرازى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
«تاجدار» سەنئەت سالونىمىز نامىدىن ئابدۇرېھىم راخماننىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.










