大数跨境

ئەرلەر مۇنداق 4 خىل ئايالنى جېنىدىن ئەتىۋا كۆرىدۇ

ئەرلەر مۇنداق 4 خىل ئايالنى جېنىدىن ئەتىۋا كۆرىدۇ Qux Tori
2025-11-05
4
«ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق» دېگەن ئۇقۇم نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭىپ كەتكەن، شۇڭلاشقا كىشىلەر «قىممەت» نەرسىلەرنى «ياخشى» نەرسىلەر دەپ قارايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ قائىدىنى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە قوللىنىدۇ، شۇ سەۋەپتىن نۇرغنلىغان ئاياللار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىگە پۇل خەجلەيدۇ، قىممەت باھالىق نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى ياساپ، ئۆزىنى «قىممەت» كۆرسەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئاياللار ئاخىرىدا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بايقايدۇكى، ئۇلار ھەر قانچە قىممەت نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن بىلەنمۇ، ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇنداقتا مەسىلە زادى قەيەردە؟ 
بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ تەپەككۇرىنى چۈشەنمەيدۇ، ئەرلەر «قىممەت» ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «قىممەت»نىڭ مال-دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئادەتتە ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك «قىممەت» پەزىلەتكە ئىگە ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ.
1-ئەدەپلىك، ئۆزىنى پاكىزە تۇتىدىغان ئاياللار 
ئاياللارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېرىگە بېرەلەيدىغان ئەڭ كاتتا سوۋغىتى دەل پاكىزە جىسمى ۋە روھى، ئەرلەر پاكىزە ئاياللارنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پاكىزە ئاياللارنىڭ چوقۇم ياخشى ئايال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ جەمئىيەتتە ئۆزىنى پاكىزە تۇتۇش ئاسان ئىش ئەمەس، ئۆزىنى پاكىزە تۇتۇش دېگەنلىك ئاياللارنى ھېچقانداق كىشىلىك مۇناسىۋەت، مۇھەببەتكە ئارىلاشماسلىقى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىشى، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاسانلا قارشى تەرەپكە ئاتىۋېتىدىغان ئاياللار مەسئۇلىيەتسىز ھېسابلىنىدۇ.
ئەدەپلىك، پاكىزە ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىگە ئېرىشىپ، بەختلىك بولالايدۇ، ئەگەر ئۆزىڭىزنى بەختسىز دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
图片
2-مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا قارشى بار ئاياللار 
ئەرلەر سىزگە تايانچى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈكىڭىز بولالمايدۇ، ئەگەر ئاياللار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولالمىسا، دائىم ئەرلەرگە يۆلىنىپلا يۈرسە، ئەرلەر بۇنداق ئاياللارنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىمەيدۇ، بىر كۈنلەردە ئايال يېنىدىكى ئەردىن ئايرىلىپ قالسا، ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. 
مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا قارىشى بار ئاياللار قىممەت باھالىق ئاياللار، ئۇلار ئىنتايىن سېھىرلىك ۋە جەلىپكار، ئەرلەر بۇنداق ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدۇ ھەم قەدىرلەيدۇ. 
图片
3-تىرىشچان، ئىشچان ئاياللار 
مەيلى شەخس ياكى ئائىلە بولسۇن، مۇۋەپپىقيەت قازىنىمەن، باي بولىمەن دەيدىكەن چوقۇم تىرىشچان بولۇشى لازىم، ھۇرۇن كىشىلەر ھېچقانداق ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ، تىرىشچان ئاياللار بەزىدە ئەرلەردىن كۆپ مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن. ئادەتتە ئەرلەر ئاياللارنىڭ قانچىلىك مال-دۇنياسى بارلىقىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئاياللارنىڭ تىرىشچان ۋە ئىشچانلىقى. 
图片
4-تۇرمۇشنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان ئاياللار 
نۇرغۇنلىغان ئاياللار 20-30 ياشقا كىرىپمۇ ئۆز ھاياتىنىڭ مەناسىنى چۈشىنەلمەيدۇ، يەنە بەزى ئاياللار ھاياتىنى بىر تۈز سىزىق بويىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۆز ئالدىغا كۆز قارىشى ۋە قىممەت قارىشى بولمايدۇ، بۇنداق ئاياللار ئادەتتە ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاياللار ئالامچە مۇۋەپپىقيەتكە ئېرىشەلمىسىمۇ ھېچقىسى يوق، لېكىن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنى بىلىپ ياشىشى، تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىشى لازىم. تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان ئاياللار تەبىئىيلا ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ. 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161