大数跨境

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر Qux Tori
2025-11-14
3

图片   بەلكىم سىز ھازىر ئادەم ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ، تاماكا تاشلىساممۇ ئۆپكەم ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. 

ئەگەر سىز ھازىردىن باشلاپ تاماكا تاشلاشنىڭ بەدىنىڭىزدە قانچىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز يەنىلا شۇنداق ئويلامسىز؟ 

.1 تاماكا تاشلاپ 30 مىنۇتتىن كېيىن سىزنىڭ قان بېسىمىڭىز ۋە تومۇر سوقۇشىڭىز نورماللىشىدۇ 

.2 تاماكا تاشلاپ 8 سائەتتىن كېيىن قاندىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، ئوكسىگېن مىقدارى كۆپىيىدۇ، قېنىڭىزنىڭ تەركىبى نورمال ھالەتكە قايتىشقا باشلايدۇ.


.3 تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلى بولۇش نىسبىتىڭىز تۆۋەنلەيدۇ. 


.4 تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن تەم سەزگۈڭىز، پۇراش سېزىمىڭىز ۋە نېرۋىلىرىڭىز نورمال ھالەتتىكى ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسىگە قايتىدۇ. 

.5 تاماكا تاشلاپ 2 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئۆپكە ئىقتىدارىڭىزنىڭ %30 تى ئەسلىگە كېلىدۇ. 

图片

.6 تاماكا تاشلاپ 1 ئايدىن 9 ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا سىزدىكى يۆتەل ۋە نەپەس قىسىلىش ئەھۋالىنىڭ ئازىيىپ، جىسمانىي كۈچىڭىزنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. 

图片

.7 تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئىلگىرىكىدىن %50 تۆۋەنلەيدۇ. 

图片

.8 تاماكا تاشلاپ 5 يىلدىن كېيىن قىزىلئۆڭگەچ راكى، كېكىردەك راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى ۋە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئىلگىرىكىدىن %50 تۆۋەنلەيدۇ، سەكتە بولۇش نىسبىتىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ. 

.9 تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، بۆرەك ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش نىسبىتىڭىز ئىلگىرىكىدىن تۆۋەنلەيدۇ. 

10. تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ. 

بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تاماكا تاشلاشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ 

ئەگەر ھازىردىن باشلاپ تاماكا تاشلىسىڭىز سىزنى يەنىلا قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ نورمال ھالەتكە قايتالىشىڭىزدىنمۇ ئۈمىد بار.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161