大数跨境

تاماقتىن كىيىن يىسىڭىز ئۈچەي تازلاپ ئورۇقلىتدىغان 6خىل يىمەكلىك

تاماقتىن كىيىن يىسىڭىز ئۈچەي تازلاپ ئورۇقلىتدىغان 6خىل يىمەكلىك Qux Tori
2025-11-14
0
图片بەزىدە ئاغزىمىزنى باشقىرالماي كۆپرەك نەرسە يەۋالىمىز، ئۇنداقتا بىز بۇ ۋاقىتلاردا قانداق قىلساق ئاندىن سەمىرىپ كېتىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز؟
بىز تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق ئۈچىيىمىزنى يۇيساق بولىدۇ.
1- ئاچچىق كاۋا
ئاچچىق كاۋىنىڭ «ماي قىرغۇچ» دەيدىغان نامى بار بولۇپ، ئۇ ھەممە كىشى بىلىدىغان ئورۇقلىتىش كۆكتاتى. ئاچچىق كاۋىنىڭ تەمى قىرتاق بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەر يېيېشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئىچىدە مول بولغان ئاچچىق كاۋا ئىنزىمى ۋە ۋېتامىن C بار بولۇپ، ھەم سالامەتلىككە پايدىلىق ھەم ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك زەھەر تازىلاش، ماينى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۈچەينى سىلىقلاش رولى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئەخلەت ۋە ئارتۇقچە مايلارنى تازلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىق كاۋىنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقنى ھەيدەش ئۈنۈمىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
2- پىياز
پىياز ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، جىگەرنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. ئۇ يەنە بەدەندىكى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنى تازىلاپ، مېتابولىزم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
پىيازنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلاشقا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەيدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
3- تەكىيە كاۋىسى
تەكىيە كاۋىسى ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن ئورۇقلىتىش كۆكتاتى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى، قاپاق ماددىسى، ۋىتامىن B2، كالىي ۋە كالتسىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئورۇقلاش ۋە سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىشتا ناھايىتى كۈچلۈك رول ئوينايدۇ.
شۇنداقلا ئۇ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئاشقازاننىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە پروپانول دى كىسلاتا بولغاچقا، بەدەندە ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
图片
4- كاللەكبەسەي
كاللەكبەسەينىڭ تەركىبىدە مول ۋېتامىن C ۋە يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، ئادەمنى ناھايىتى ياخشى تويۇنۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ ئ‍ورۇقلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كاللەكبەسەيدە يەنە مول خولىن بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ياغنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەيدۇ.
5- چوڭ ئاپېلىسىن
چوڭ ئاپېلسىننىڭ ئادەمنى ئاجايىپ ئورۇقلىتالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى ئۈنۈملۈك غىدىقلاپ، ئىشتىھانى تىزگىنلەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئاپېلسىن تەركىبىدە ئالاھىدە ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان شېكىرىنىڭ جىگەردىكى مايغا ئايلىنىشىنى تورمۇزلايدۇ.
6- لامنارىيە
لامنارىيەنىڭ تەركىبىدىكى ئالگىنات ئېنېرگىيىسى ئادەم بەدىنىنىڭ قورساق قىسمىدىكى ماينى ئۈنۈملۈك كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە لامىنارىيەنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلارنىڭ تۈرلىرى تولۇق، نىسبىتى مۇۋاپىق، ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، ماينى سىيرىيدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161