ئانامنى يۈدۈسەم بولمامتى
ئانىنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاپ، يول ماڭالمايدىغان، تاماقمۇ يېيەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەمەت قايتىپ كەلگەندە ئانا يوتقاندا تۈگۈلۈپ ياتاتتى، قېرىلىق ئۇنىڭ پۈكۈپ قويغان ئىدى.
« ئانا » دېدى ئەمەت ئانىسىنىڭ جانسىز قولىنى تۇتۇپ، « كۆڭلىڭىز نېمە تارتىۋاتىدۇ، نېمە يېگۈڭىز بار؟ »
ئانا پەس ئاۋازدا « سىرتلارنى كۆرگۈم كەلدى، بالام ... » دېدى.
« ئەمىسە سىزنى يۈدۈپ ئەپ چىقاي » دېدى ئەمەت.
لېكىن ئانىنىڭ دۈمبىسىدە ئۇنى تۇتۇپ ئولتۇرغۇدەكمۇ ماجالى يوقتە.
ئەمەتنىڭ يادىغا ئامبار ئۆيدىكى يۈدۈمە سېۋەت كەلدى. بامبۇكتىن توقۇلغان بۇ سېۋەت پۇختا بولۇپ، بىرى ئۈستىدە ئولتۇرسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايتتى. ئەمەت كىچىك ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنى مۇشۇ سېۋەتكە سېلىپ يۈدۈپ، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى قىلاتتى، سۇ توشۇيتتى، تاماق ئېتەتتى.
ھازىر ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئانا سېۋەتتە كىچىك بالىدەكلا كۆرۈنەتتى. ئەمەت ئانىسىنى سېۋەتكە سېلىپ يۈدۈپ يولغا چىقىپ مېڭىشىغا قوشنىلار ئۇنى ماختاپ كەتتى.
ئەمەت كۆكتات بازىرى، كىيىم – كېچەك بازىرى، ئۆستەڭ بويىدىكى قايناق بازارلارغىچە باردى. ھەممە جايدا ئۇنى كۆرگەنلىكى ئادەم ھۆرمەت نەزىرىدە قارايتتى.
« ئانا، قىزىق سامسىدىن بىرەنى يەپ باقامسىز؟ » ئەمەتنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سامسىپەز يەتتە – سەككىز سامسىنى خالتىغا سېلىپ ئەمەتكە تەڭلەپ :« ئېلىڭ ئۇكام، پۇل ئالمايمەن » دەپ تۇتقۇزۇپ قويدى.
« ئانا، شورپا ئىچىپ باقامسىز؟ » دېيىشىگە قاسساپ ئۇستام :« قېنى ئولتۇرۇڭ، قانچىلىك ئىچسىڭىز ئىچىڭ، پۇل ئالمايمەن » دېدى.
ئەمەت ئولتۇرۇپ، ئانىسىنى سېۋەتتىن چىقىرىپ، يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ شورپا ئىچكۈزدى. ئانا شورپىنى ئازراق ئىچىپلا ياندۇرۇۋەتتى. ئاندىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىچىك بالىدەك تىرنىقىنى تاتىلاپ قىزىرىپ كەتتى. بىر نەچچەيلەن كېلىپ قەغەز تەڭلەپ ئانىنىڭ ئېغىز بۇرنىنى پاكىز سۈرتۈشتى. بىر مۇنچە ئادەم يانفونلىرىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىۋاتاتتى.
ئەمەت خۇددى ئالاھىدە قوغدىلىدىغان ھايۋاندەك كىشىلەر ئارىسىدا قالدى، بىر ياققا ماڭاي دېسىمۇ ئەتراپتىكى يانفون تەڭلىشىپ يۈرگەن ئادەمنىڭ جىقلىقىدا ماڭالمايۋاتاتتى.
« يول بېرىڭلار، مەن بۇ ۋاپادار ئوغۇلنى زىيارەت قىلىۋالاي » نەدىن كەلدىكىن، بىردەمدە مۇخبىرلارمۇ كەپ بولغان ئىدى. ئۇلارمۇ كامېرالىرىنى ئەمەتكە تەڭلىشىپ تۇراتتى.
ئەمەت سەل ھەيران بولغاندەك سۆزلەپ كەتتى :« ۋاي نېمە ئىش بولدى؟ ئانام مېنى مۇشۇ سېۋەتتە ئىككى يىل يۈدۈسە ھېچكىمنىڭ كارى يوق، مەن ئانامنى يۈدۈگىلى تېخى ئىككى سائەتمۇ بولمىدىغۇ؟ »


