* * *
ھەربىر كۈنۈم خۇشال، مەنىلىك ئۆتسۇن دېسىڭىز: بىرىنچى، ئۆتمۈشىڭىزنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويۇڭ، ۋە ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ كىرىشىۋالماڭ.ئىككىنچى، باشقىلاردا يوق نەرسىنى ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلماڭ، مەسىلەن: - قەلبىدە مۇھەببەت يوق ئادەمدىن مۇھەببەت تەلەپ قىلماڭ، - ۋاقتى يوق ئادەمدىن ھەمراھ بولۇشنى تەلەپ قىلماڭ، - پۇل يوق ئادەمدىن ئىقتىساد تەلەپ قىلماڭ.
ئۈچىنچى، ھېچقانداق بىر ئادەمنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ.تۆتىنچى، قانداقلا ئەھۋالدا بولسۇن ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، چوقۇم ناھايىتى ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.بەشىنچى، كەلگۈسىدىن ئارتۇقچە تەشۋىشلەنمەڭ، پەقەت ھازىرىڭىز ياخشى بولسىلا كەلگۈسىڭىز ھەم چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پۈتۈن دىققىتىڭىزنى ھازىرىڭىزغا، ئەلۋەتتە بۈگۈنىڭىزگە بېرىڭ.ئالتىنچى، يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا سىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپ چىقىدىغىنىغا ئىشىنىڭ، چوقۇم ھەر ۋاقىت مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.


