سىزگە پايدىلىق سېسىق گەپلەر
چىرايلىق بولسىڭىز نېمىلا كىيسىڭىز يارىشىدۇ، چىرايلىق بولمىسىڭىز نېمىلا كەيسىڭىزمۇ بىكار.
ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىزنى ساقلاۋاتامسىز؟ چۆچەكلەردىكى ئۇ مەلىكە نامىرات بولسىمۇ بەك گۈزەل ئىدى . سىز ھەم نامىرات ھەم سەت تۇرسىڭىز.
دۇنيا ھېچقانداق ئەمەس، سىزنىڭ تاينىڭىز يوق.
كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ گېپىنى قىلماڭ . ھەممەيلەن بەك ئالدىراش ، ھېچكىمنىڭ سىزگە قارىغۇدەك چولىسىمۇ يوق .
قايغۇرماڭ ، بەرىبىر ھېچكىمنىڭ سىزنىڭ تۇيغۇڭىز بىلەن كارى يوق .
ئېغىر كۈندە قالغان بولسىڭىز ، سىزگە دەيدىغىنىم ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئاندىن بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇ .
مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى . ئۇ نەچچە يىل بۇرۇن بارلىق قاخشاش ، ئاغرىنىشلىرىنى تاشلاپ، قاتتىق تىرىشتى . بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى .
ئەگەر سىز ھازىر قالتىس ئادەمگە ئايلانمىغان بولسىڭىز، كىم سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزنى ئاڭلاشقا خۇشتاركەن ؟
بۇرۇنقى زاماندا ھارۋىلار ئاستا ماڭاتتى ، سۆيگۈ خەتلىرى ئۇزۇندا كېلەتتى ، ئۆمۈر بىرسىنى سۆيۈشكە ئاران يېتەتتى . بىراق كۆپ خوتۇن ئېلىشقا بولاتتى ……
پۇلنى قانچە جىق خەجلىسە شۇنچە جىق تاپقىلى بولامدۇ ؟ ئەلۋەتتە، سىز خەجلىسىڭىز، بايلار تاپىدۇ .
«ئۆزۈڭ تىرىشمىساڭ ، ھېچكىم سەن ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇشنى بېرەلمەيدۇ»دەمسىز ؟ بەزىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا سىز بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان راھەتلىك تۇرمۇش ئۈستىگە تۇغۇلغان …
قوش 11دە خەۋەر كۆردىڭىزمۇ ؟ سىز بىر ئۆمۈر جان تىكىپ تىرىشىپمۇ تاپالمايدىغان پۇلنى نەچچە سىكۇنتتىلا تاپقانلىقى كۆردىڭىز ھەقىچان ، يا سىز ئېتىبار چېكى تالىشىش بىلەن ئالدىراش بوپ كېتىپ كۆرمىدىڭىزمۇ ؟
بەخىتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . بىراق پۇلدارلار سىزدىن خېلىلا نوچى ياشايدۇ .
سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز سىز ئۈچۈنلا مۇھىم ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىر تىينغا يارىمايدۇ .
ئۆزۈڭ بول دېگەن بىر ئوسۇرۇق گەپ . بەزى ئادەملەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئىپلاس ، پەسكەش ، ھاكاۋۇر ، ئالدامچى … شۇڭا ئادەم ئۆزىنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىشى كېرەك .
ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىڭىزنى كۈندىلىك خىزمىتىڭىز قىلىپ تاللىۋالماڭ . بولمىسا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن بىزار بولۇشقا باشلايسىز .
ۋاز كەچمە دېگەن گەپكە ئىشەنمەڭ . ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك چاغدىمۇ ۋاز كەچمىسىڭىز بۇ ئەقلىڭىزنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ يولى توغرا بولغاچقا ۋاز كەچمىگەن .
كوچىدا چىرايلىق قىزلارغا قارىغىنىڭىزدا، ئەگەر سىز كېلىشكەن بولسىڭىز ئۇ قىز كۆڭلىدە خۇش بولىدۇ، ئەگەر سەت بولسىڭىز كۆڭلىدە سىزنى لۈكچەك دەپ تىللايدۇ، ھەتتا ئاغزىدىن چىقىرىپ تىللىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئارزۇيىڭىزنى يۈرەكلىك ھالدا قوغلىشىڭ دېگەن گەپنى ئاڭلايمىز . جېنىڭىزنى باققۇدەك پۇل تاپالماي تۇرۇپ، ئىككى قولىڭىزنى بۇرنىڭىزغا تىقىپ قايسى ئارزۇيىڭىزنى قوغلاشماقچىسىز ؟ سىزنىڭ شۇ ئارزۇنى خىيال قىلىشقا سالاھىيىتىڭىز بارمۇ يوق ؟
خەقنىڭ تۇرمۇشى سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، سىز خەق ئېرىشكەن تۇرمۇشقا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسىز.
بەزىلەر ئەمەلىي كۈچىگە تاينىدۇ، يەنە بەزىلەر دادىسىغا تاينىدۇ، يەنە بەزىلەر خام خىيال قىپلا ئۆتىدۇ.
ئارتۇقچىلىقىم شۇكى: مەن ئۆزەمنىڭ خاتالىقىنى تېزلا بايقىيالايمەن. كەمچىلىكىم شۇكى: خاتالىقىمنى ئۆزگەرتىش خوشياقمايدۇ.
باي-نامراتلىق پەرقى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۈپ قانۇنىيىتى. باي-نامراتلىق پەرقى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
خىزمەتكە يېڭىلا چىققان بولسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى باشلىقنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن ئىختىساس ئىگلىرىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئىنچكىلىك بىلەن كۆزىتىڭ. ئەگەر خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭىزغا ئۇزۇن يىل بولغان بولسا، بۇ يىللاردىن بۇيان خىزمەت جەريانىدا ئۆزىڭىز يولۇققان بارلىق توسقۇنلۇقلارنىڭ سەۋەب يىلتىزىنى سىز چوقۇم بىلىسىز، ئۆتۈپ كەتكەن قاپاقباش ئادەم بولمىسىڭىزلا.
ئىلگىرى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئىش بېجىرىدىغانلارنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئىقتىدارسىز كىشىلەر دەپ قارايتىم. كېيىن ئۇلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممە جەھەتتە مېنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
بۇزۇلمايدىغان ئائىلە يوق، ئۈچىنچى شەخسنىڭ بىڭسى بولسىلا.
غايە بىلەن رېئاللىق توقۇنۇشمايدۇ، بىراق رېئاللىقنى غايىڭىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرالمايسىز. رېئاللىق پەقەت تۇرمۇش ۋە مەنپەئەت ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
خىزمەتتە داۋرىڭى چوڭ كىشىلەر ئاساسەن شىركەت ياكى ئىدارىدە بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان، شىركەت ئۈچۈن كۆپ قىممەت يارىتالمايدىغان كىشىلەر.
بەزى كىشىلەرنىڭ كەيپىيات بۆلۈمچىسى(情商) بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، جەمئىيەتتىكى رولىنى ياخشى ئالالمايدۇ. ئۇلار كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلالمايدۇ، گەپنى سورۇنغا، مۇھىتقا بېقىپ قىلالمايدۇ، مۇھىم ئىشلاردا تېخى كېرەككە كەلمەيدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھالىتى بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يولدىشى(ئايالى) ئەمەلىيەتتە ئۆزىدىن ئانچە زوقلىنىپ كەتمەيدۇ، تېخىمۇ ياخشىسىنى تاپالمىغان گەپ. ئۇلار ھەقىقىي ياقتۇرىدىغان ئادەم باشقا.
مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ئاستا-ئاستا يوقايدۇ. بىراق مەن سىزگە سوۋغا قىلغان ئۈنچە-مەرۋايىتلارنىڭ قىممىتى چۈشمەيدۇ.
قىزلار ئۆزىنى مۇكەممەل كۆرسىتىشكە ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، ھەقىقىي چىرايلىق قىزلارنىڭ ئالدىدا بەرىبىر چېنىپ قالىدۇ.
قابىل، زەردار كىشىلەرنىڭ ئوسۇرۇق گەپلىرىگە قۇلاق سالماڭ. ئۇلار ھەقىقىي پايدىلىق ئۇچۇرنى مەڭگۈ سىز بىلەن ئورتاقلاشمايدۇ.
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك دەمسىز؟ يېشى چوڭ بولسىلا دانا، ئەخلاقلىق، كۆڭلى ياخشى بولۇپ قالمايدۇ. نۇرغۇن چوڭلار پەسكەش، ئەقىلسىز، ئىپلاس خۇمپەرلەر. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ھۆرمىتىمگە ئەرزىمەيدۇ.
بەزىلەرنىڭ سىزنى گەپكە سېلىشى سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئەمەس ، بەلكى تۇرقىڭىزغا قاراپ سىز بىلەن كارۋاتقا چىقىش ئاساندەك كۆرۈنگەن . بەزىلەرنىڭ سىز بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىشى سىزنىڭ گەپكە ئۇستىلىقىڭىزدىن ئەمەس ، بەلكى سىزدە ئۇ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە بار .
بىرسىگە كۆيۈپ-پىشىپ يۈرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم ئۇنىڭغا لايىق ئەمەس. شۇڭا باشقىلار ئۆزىڭىزگە كۆيۈپ-پىشىپ يۈرگۈدەك ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ . بۇنداقتا تاللىشىڭىزمۇ كۆپ بولىدۇ .
ئەڭ پەخىرلەنىدىغان ئىشىم شۇكى، يەر شارىمۇ مېنىڭ ئايىغىم ئاستىدا دەسسىلىپ يۈرۈيدۇ.
تارىختا ئالمىنىڭ قىلغان ئەڭ يوغان ئىشى دەل نىيۇتۇننىڭ بېشىغا چۈشكەنلىكى.
مەن دۆت ئەمەس، پەقەت ئەقىللىق بولۇش خوشياقمىدى خالاس.
چوڭ بولغانسېرى ئازابلىرىمىز ساختىلاشقىلى تۇردى، كۈلكىمىزمۇ ساختا بولۇپ كەتكىلى تۇردى، ئۆزىمىزغۇ ساختىپەز بولۇپ كەتتۇق.
ئاخىرىدا يۈرەك سۆزۈم: باشقىلارنى ئۆزگەرتىمەن دېمەڭ، سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيسىز . 30 ياشتىن ئېشىپمۇ باشقىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك بىرەر تالانتىڭىز بارلىقىنى بايقىمىسىڭىز ، كېيىنكى 10 يىلدا بىرەر ئىش-ئوقەت بىلەن بولسىمۇ ئاز-تولا پۇل يىغىشنىڭ كويىدا بولۇڭ . نېمىلا دېگەن بىلەن ھېچنەرسە پۇلدەك جانغا ئەسقاتمايدۇ . شۇڭا ئەرزىمەس ئىشلارغا زېھنىڭىزنى چاچماي ، بار زېھنىڭىزنى پۇل تېپىشقىلا قارىتىڭ . چۈنكى ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن
ئېيتقاندا ، پۇل تېپىشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش يوق.


