大数跨境

ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلايدۇ

ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلايدۇ Qux Tori
2025-10-28
0

图片ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئارقىلىق ئاياللارنى تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئاياللارنىڭ ھەقىقىي كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۇنداقتا سىز قايسىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟

图片

ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنىڭ ئارىسىدا پاشنىلىق ئاياغ چوقۇم كەم بولسا بولمايدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ پۇتنى بىئارام قىلسىمۇ، ئاياللار نېمىشقا يەنە بۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟

ئاياللار نېمىشقا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا ئامراق ؟

图片

ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ رولىغا نىسبەتەن، ئەڭ مودا بولغان قاراش «ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئەرلەر ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئىشلىتىدىغان مەھسۇلى»، بىراق بۇ قاراش پۈتۈنلەي توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. ئالدى بىلەن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئەڭ بۇرۇن مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەن، بەلكى ئەرلەر ئات مىنگەندە ئىشلىتىدىغانغا لاھىيەلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇندىن بۇيان ئەرلەر پۇتى كىچىك ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن، لېكىن بۇ قاراش يېقىندا گۇمان قوزغىدى. كالىفورنىيە داشۆسى لوس ئانژېلېس تارماق مەكتىپىدىن كەلگەن ئىنسانشۇناس دانىئېل فېسلېر مۇنداق دېدى: ماسلىشىشچانلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەرلەر پۇتى چوڭ ئاياللارنى تاللىسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاسان يىقىلىپ چۈشمەيدۇ، شۇڭا بۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئەرلەر ھوقۇقى جەمىئيىتىدە، ئەرلەر ھەقىقەتەن پۇتى چوڭ ئاياللارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

图片

بۇ يەنىلا جىنسىي جەلپ قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرىدىلا، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بازاردىكى يېرىمدىن ئارتۇق شەھۋانىي ژۇرنال مۇقاۋىسىغا چىققان قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن. ھازىرغىچە، ئاياللارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە. ئاياللارنىڭ ئاياغ ئىشكابىدا چوقۇم بىر جۈپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بولىدۇ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە ئاياللار ئۆزىنى تېخىمۇ جەلپكار ھېس قىلىدۇ. بۇ ئوخشاشلا، نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلارنىڭ قىزىنى بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگىلى قويماسلىقنىڭ سەۋەبى.

图片

ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، قەدىمى تېخىمۇ كىچىك، تېز بولىدۇ، يول ماڭغاندا تىز ۋە يانپاش قىسمىنىڭ ئېگىلىش دەرىجىسى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ، ئەمما يۇقىرىقى يانپاش سۆڭىكىنىڭ قىيسىيىش دەرىجىسى چوڭىيىدۇ. يەنى، ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يول ماڭغاندا تېخىمۇ ئاياللىق نازاكەتكە ئىگە بولىدۇ.

图片

گەرچە مودا ئېقىم بىر مەھەللىك بولسىمۇ، لېكىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ نەچچە ئەسىردىن بۇيان ھەر خىل ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئىچىدە داۋاملىق مودا بولۇپ كەلدى.

ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىن قەلبىڭىزنى بىلىۋېلىڭ  

«ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسەم، پۈتۈن دۇنيانى كۆرەلەيمەن». بۇ ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئارزۇ شەھىرى» دىكى ئايال باش پېرسوناژ كەيلىنىڭ داڭلىق سەھنە تېكىستى. پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاياللارنىڭ سىرتقا بولغان شۆھرەتپەرەسلىك ھېسسىياتىنى قاندۇرىدۇ، ئۇ ئەمەلىي فىزىكىلىق يۈكسەكلىكنى، تېخىمۇ يۇقىرى مەنىۋى چوقۇنۇشقا ئالماشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئاياللارغا ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىستىكى ئاتا قىلىدۇ.

ئېگىز پاشنا: كۈچلۈك ئاياللارنىڭ ۋەكىلى

图片

ئۆزىڭىزگە ئىنتايىن ئىشىنىسىز، ئىش قىلغاندا تەرتىپلىك، ئۆزىڭىزگە خاس پىرىنسىپىڭىز بار. ئالاھىدە خاراكتېرگە ئىگە، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيسىز، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىڭىزگە چوقۇم پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئېرىشىسىز، بەزىدە كىشىلەر سىزنى بەك كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ، ھەتتا يېقىنلىشىش تەسكە توختايدۇ. كۈچلۈك مىجەزىڭىز دائىم سىزگە ئوخشاش ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان ئوبيېكتلارنى جەلپ قىلىدۇ، سىز ئاسانلا قارشى تەرەپكە بېسىم ھېس قىلدۇرىسىز، بولۇپمۇ ئېگىز ـ پەس كەيپىياتىڭىزغا قارشى تەرەپ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 

ئوتتۇرا پاشنا 5 ـ 8 سانتىمېتىر: باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ

图片

ئوتتۇرا، تۆۋەن پاشنىدىكى ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان سىز، ھەرقانداق يېڭى شەيىلەرگە نىسبەتەن قىزىقىشقا، يېڭىلىق ھېس قىلىشقا، باتۇرلۇق بىلەن قىيىنچىلىققا تەۋەككۈل قىلىش روھىغا تولغان بولۇپ، رىقابەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىسىز. سىزنى مەيلى دوستلىرىڭىز بولسۇن ياكى يات جىنىسلار بولسۇن ھەممىسىنى ئىنتايىن يېقىن كۆرىدۇ، باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ياخشى كۆرىسىز، ھەممىسى سىز بىلەن دوست بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، سىز گۈزەل تاشقى قىياپەتكە يوشۇرۇنغان ئايال ئەزىمەت ھېسابلىنىسىز. خىزمەت ئىپادىڭىز جەھەتتە، پىلانىڭىز ئېنىق ھەم مۇنازىرە ئىقتىدارىڭىز توسالغۇغا ئۇچرىمىغان بولىدۇ، خىزمەتتە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىسىز.

تۆۋەن پاشنا 2 ـ 5 سانتىمېتىر: زىددىيەت تىپى

图片

سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزنى ئىپادىلەشنى ئويلايسىز، ئەمما باشقىلارغا خىجىلچان كۆرۈنىسىز. لايىقىڭىز ئالدىدا ئىشەنچكە تولغان بولىسىز، ئەمما خىجىل بولۇشتىن قورقىسىز، دەل مۇشۇنداق زىددىيەتلىك كەيپىياتىڭىز سەۋەبىدىن، قارشى تەرەپ سىزنى ساددا ھەم ئوماق ھېس قىلىپ، سىزگە چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. ھېسسىيات جەھەتتە دائىم بەك كۆپ ئويلايسىز، قەلبىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر ھەم ئىنچىكە. شۇڭا ھەمىشە خاراكتېرىڭىزنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ.

تۈز پاشنا 2 سانتىمېتىردىن تۆۋەن: مۇھەببەتنى ئەڭ مۇھىم كۆرىدۇ

图片

كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان سىز، ھەمىشە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرەلەيسىز ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە ياردەم بېرەلەيسىز. مىجەزىڭىز بەزىدە جاھىل، بەزىدە ناھايىتى قىزغىن، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىسىز. دوستلارنىڭ نەزىرىدە، سىز ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ھېسابلانمايسىز، ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايسىز، گەرچە سىرتقى قىياپىتىڭىز ئوچۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ناھايىتى ئاسان يوقىتىپ قويىسىز. ھېسسىيات جەھەتتە، سىز ئەمەلىيەتتە ھەممىنى مۇھەببەتتىن تۆۋەن كۆرىسىز، ئاشىقىڭىز بولسىلا ھەممىدىن ئۈزۈل ـ كېسىل ئالاقىڭىزنى ئۈزۈپ قويىسىز. ئاشىقىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش، مۇقىم بەختكە ئېرىشىش سىزنىڭ ھېسسىياتقا بولغان ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان مۇكەممەل ھالىتىڭىز.

 ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئاياللارغا تېخىمۇ ئېگىزنى كۆرۈش، تېخىمۇ يىراققا مېڭىشنى ئۆگىتىدۇ، شۇنداقلا ئىلگىرىلەشنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر جۈپ ياخشى ئاياغنى تاللاش ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھاياتتىكى ھەمراھ ئىزدىگەنگە باراۋەر. «ئاياغ» قانچە ئېگىز بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، يەنىلا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ زادى قانداق پاسوندىكى ئاياغقا ماس كېلىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.


图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0