بىر ئادەمگە تامامەن ئىشەنسەڭ،ئۇ. ساڭا يا ئۆمۈرلۈك بىر دوست بولىدۇ، ياكى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمىغۇدەك بىر دەرس بولىدۇ
بىراۋغا ھاجىتىڭ چۈشۈپ قېلىش سەۋەپلىك تىلىڭ تۇتۇلۇپ قاماسلىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقىن. چۈنكى سەن ئۆزۈڭدىن باشقا ھەممە ئادەمگە ئىغىر كىلىسەن...
ياخشى ياشاش ئۈچۈن ھاياتىڭدا چوقۇم سېنى ئۆمۈرلۈك سۆيىدىغان بىرسىنىڭ بولىشى شەرت ئەمەس، لېكىن ئۆزۈڭنى بىر ئۆمۈر سۆيۈشۈڭ شەرىتتۇر...
ھايات رەھىمسىزدۇر ، بەزىلەرنى تونىغىنىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلدۇرسا ، يەنە بەزىلەرنى تېخىمۇ بۇرۇن تونىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلدۇرىدۇ
كۈلۈپ چىققان قۇياش ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر ، تۈنۈگۈنكى غەملىرىڭ بۈگۈنۈڭگە ئۇلاشمىسۇن ، بۈگۈنكى غەيرىتىڭ تۈنۈگۈندىن كەم بولمىسۇن
سۆيۈپ قالىسەن ، كېلىشكەن بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، شۆھرىتى بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، پۇلدار بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس،قىلىنغان ياخشىلىقلىرى بولغىنى ئۈچۈن...



