چۈشىدە ھەشەمەتلىك ئوردا - سارايلارنى كۆرسە، تۇرمۇشنىڭ باياشات ئىكەنلىكىنى، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىڭىزدە يالغۇز بىر ھەيۋەتلىك ئوردىغا كىرىپ قالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
توي قىلمىغان ئايال چۈشىڭىزدە ئوردىغا كىرىپ چۈشىسىڭىز، سىزنىڭ باي ئائىلىگە ياتلىق بولۇشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئايال چۈشىدە ئېرى بىلەن بىللە ئوردىغا كىرىپ چۈشىسە، ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئوردىدىكى شەھەرلىكلەرنىڭ قىستاڭچىلىقىنى كۆرسە، ئاسانلا خاتا گەپ قىلىپ باشقىلارنى رەنجىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسە، سىزگە جاھاندارچىلىق قىلىشتا لولىلىق قىلىش، تىغ ئۇچىنى يىغىش، دۈشمەن كۆپەيتىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئوردىدا تۇرسىڭىز، يەنە سىزنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇپ، تۈرمىگە كىرىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ. لېكىن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان ئادەم چۈشىدە ئوردىنى كۆرسە، سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە بىرسىنىڭ ئوردىدا سىزنى كۈتۈۋالغانلىقىنى كۆرسىڭىز، بۇ يېقىندا چىقىمنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىدىن، نۇرغۇن چىقىم بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە ئوردا ياسىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ھازىر تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەرگە پۇختا ئاساس سېلىۋاتقانلىقىڭىزدىن، كەلگۈسىدە ئەمەلدارلىق يولىڭىزنىڭ ئۇلۇغۋار بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەگەر چۈشىڭىزدە ئاسماندىكى ئوردىغا كىرىۋالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئېسىلزادىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئوردىنىڭ چوققىسىغا چىققانلىقىنى كۆرسە، چىقىمنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئوردىدا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرسە، تېنىنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى، ئېغىر خىزمەت ياكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ زىيىنى يوق.
چۈشىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلسا، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار چۈشىدە ئوردىدا تۇرۇپ چۈشىسە، نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن، بوغۇلۇپ قالىدىغانلىقىدىن، سىنىپتىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سىرتقا چىققان ساياھەتچىلەر چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئوردىغا كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسە، سەپەر جەريانىدىكى تاسادىپىيلىقتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.


