大数跨境

خاتا تېجەشلىك نامراتلىق تەپەككۇرىنىڭ نىقابى

خاتا تېجەشلىك نامراتلىق تەپەككۇرىنىڭ نىقابى Qux Tori
2026-03-11
1

图片

مەن 99 يىل ياشىدىم، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىر ئۆمۈر نامرات ياشىغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ ئۇلارنىڭ تىرىشمىغانلىقىدىن ئەمەس، ئىقتىسادچىل بولمىغانلىقىدىنمۇ ئەمەس، دەل ئەكسىچە، ئۇلار بەك تېجەشلىك.

تېجەشلىكىدىن ھەربىر يۈەن پۇلىنى ئۈچ قېتىم ساناپ تۇرۇپ خەجلەيدۇ. تىجەشچانلىقىنى ھەقدادىغا يەتكۈزىۋېتىدۇ، 10 يۈەننى تېجەش ئۈچۈن يېرىم سائەت ئايلىنىپ مېڭىشقا رازى بولىشىدۇ، باشقىلار مېھمان قىلغاندىمۇ، قاپلىق يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋالىدۇ. بىراق، مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، بۇ كىشىلەر ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا نامرات پېتىدۇ ئۆتىدۇ. ئۇلار بىر ئۆمۈر ئازغىنە پۇلنى تېجەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما نەق پايدىغا كەلگەندە بولسا كۆپ بەدەللەرنى تۆلەيدۇ. ئۇلار 300 يۈەن خەجلەپ كىتاب سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمايدىيۇ، 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئەخلەت سېلىنما دەرسلىكى سېتىۋالىدۇ. ئۇلار 1000 يۈەن خەجلەپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە كۆزى قىيماي، كېيىن كېسەل بولۇپ ئاغرىغاندا 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ كېسىلىنى داۋالىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ماھارىتىگە مەبلەغ سېلىشقا كۆزى قىيماي، بىر ئۆمۈر تۆۋەن مائاشقا تۇتقۇن بولىدۇ. مەن سىزگە بىر رەھىمسىز پاكىتنى ئېيتىپ بېرەي، سىزنى ھەقىقىي نامراتلاشتۇرغىنى سىزنىڭ ئاز پۇل خەجلىشىڭىز ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنىڭ توغرا ئەمەسلىكى. سىز تېجەشلىك بولۇشنى گۈزەل ئەخلاق دەپ قارايسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت نامراتلىق تەپەككۇرىنىڭ نىقابى. سىز پۇل تېجىسەملا بېيىيالايمەن دەپ قارايسىز. ئەمەلىيەتتە سىز پەقەت ۋاقىتنى ئەخلەتكە ئالماشتۇرۇۋاتىسىز.

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161