دوستلۇق-ئۇ كۈندە ئىزدىشىپ تۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھەرقاچان كۆرۈشكەندە كىبىرسىز، تەماسىز، مېھرى بىلەن سىردىشىشتۇر!
ئىنسان قەلبىنى سۆيۈندۈرىدىغان نەرسە . ئۇزۇن يېزىلغان تەسىرلىك رومان ياكى، كاتتا سوۋغاتلار ئەمەس بەلكى ئاددىيغىنە بىر ئېغىز سەمىمىي ، راست سۆزدۇر .
ئادەم تەقدىرى سەۋەبلىك ئەمەس .، بەلكى تاللىشى سەۋەبلىك مۇۋەپپەقىيەتكە يول ئاچىدۇ .
ۋە ياكى بولمىسا شۇ تاللشى سەۋەبلىك، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ بىر ئۆمۈر باش كۆتۈرەلمەيدۇ ..
سۇنىڭ تېگى قانچە چوڭقۇر بولغانچە شۇنچە تىنىچ ئاقىدۇ. ئادەمنىڭ بىلگەنلىرى قانچە كۆپ بولغانسىرى شۇنچە كەمتەر، كەم سۆز بولىدۇ. سۈكۈت ئىنساننى خاتالىىشىشتىن ساقلايدىغان سادىق بىر دوستتۇر...
ئىككى يۇتۇم سۇ بىلەن بىر نانغا تويىدىغان ھاياتتا قولۇڭدىن كەلسە ياخشىلىق قىل !
ئەمما ھىچكىمگە ئازار بەرمە.



