大数跨境

قانچە ئاقكۇڭۇل بولسىڭىزمۇ  بۇ4 ئىشتا ھېچكىمگە  ياردەم قىلماڭ

قانچە ئاقكۇڭۇل بولسىڭىزمۇ  بۇ4 ئىشتا ھېچكىمگە  ياردەم قىلماڭ Qux Tori
2026-03-29
1

图片

-1-

ئىقتىدارىڭىزدىن ھالقىپ كەتكەن ياردەمنى زورلاپ قىلماڭ


تۇرمۇشتا يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشنى بىلىش كېرەك، يۈزىڭىزنى ئۇرۇپ ئىششىتىۋېلىپ مەن سېمىز دەپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ، ياخشىلىق قىلغاندىمۇ چوقۇم چېكى بولۇشى كېرەك.


ئۆزىڭىزنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلاردا ياردەم قىلالىسىڭىز قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئىقتىدارىڭىزدىن ھالقىپ كەتكەن ياردەمنى زورلاپ قىلماڭ.


زورلاپ ياخشى بولىمەن دەپ ئۆزىڭىز ماھىر بولمىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلىسىز، ئاخىرىدا يەنە نەتىجە كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولماي قېلىشى مۇمكىن.

زورلاپ ياردەم قىلغاندا، مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن:


بىرىنچى خىل ئەھۋال: سىز شۇنچە كۈچەپ ياردەم قىلىسىز، باشقىلار سىزنى ھېچقانداق كۈچىمىدى دەپ ئويلايدۇ، سىزدىن مىننەتدار بولمايدۇ، يەنە كېيىنكى قېتىم ئوخشاش ئىش بولسا، سىزنى داۋاملىق ئاۋارە قىلىدۇ.


ئىككىنچى خىل ئەھۋال: باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ ۋەدە بېرىسىز ھەمدە بۇ ئىشنى بەك ياخشى قىلالمايسىز، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا دەخلى يەتكۈزىسىز ھەمدە ئاراڭلارغا سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ، باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى يەردە قالىدۇ.


باشقىلارنى رەت قىلىشنى بىلىش، بىر ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى. ئۆز كۈچىدىن ھالقىپ كەتكەن ياردەمنى قىلماسلىق، ئەمەلىيەتتە ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش ئېلىپ بېرىشتۇر.


بۇنىڭدا، ئۆزىمۇ قىينالمايدۇ، باشقىلارغىمۇ يېڭىدىن تاللاش پۇرسىتى بېرىدۇ.


بۇ ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولغانلىق.


يۈز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلماڭ؛


كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلغاندىلا، ئاندىن توغرا، ياخشى ياردەم قىلغىلى بولىدۇ.



-2-


يەنە بىر ئادەمگە ئازار يېتىدىغان ياردەمنى قىلماڭ


تۇرمۇشتا بىر ئادەمگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر ئادەمگە ئازار يېتىدىغان ئىش بولسا، بۇنداق ياردەمنى قىلماڭ.


چۈنكى، سىز بىردەملىك ھېسسىيات بىلەن بۇ ياردەمنى قىلدىڭىز، چوقۇم بۇ ئىشنى ياخشى قىلالىشىڭىز ناتايىن، لېكىن چوقۇم يەنە بىر ئادەمگە ئازار بېرىدىغىنىڭىز راست.


سىز مەڭگۈ بىلمەيسىز، سىزنىڭ «ئاقكۆڭۈل»لىكىڭىز باشقىلارغا قانداق ئازابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.


ئەگەر شۇنداق بولسا، سىزنىڭ ياخشى نىيىتىڭىز، ھەرىكىتىڭىز، ئەمەلىيەتتە يامان ئىش قىلىشتۇر ھەرگىزمۇ ياردەم بېرىش ئەمەس!


-3-


باشقىلارغا مۇھىم قارار چىقىرىپ بېرىدىغان ياردەمنى قىلماڭ


دۇنيادىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، ئەمەلىيەتتە يىغىنچاقلاپ كەلسەك پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز: «مەن ئەسلى قىلالايتتىم!»


ھەمدە «مەن ئەسلى قىلالايتتىم»دىكى بىر خىل ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال بولسا: مېنىڭ ھۆكۈمىم توغرا ئىدى، لېكىن مەن ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپتىكەنمەن، ھەقىقەتەنمۇ پۇشايمان قىلدىم!


ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ئەينى ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان ئىكەن، باشقىلارنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇشىغا تەييارلىقى بولۇشى كېرەك.

باشقىلارغا مۇھىم قارار چىقىرىپ بېرىدىغان ياردەمنى ئالدىراپ قىلماڭ. قىزغىنلىقىڭىز بىلەن باشقىلارغا خاتا يول كۆرسىتىپ قويماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ چەكلىمىلىكى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ قويماڭ.


نۇرغۇن قارارلار ھاياتلىقتا زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇمكىنچىلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان قاتىل بولماڭ!


باشقىلارغا مۇھىم قارار چىقىرىپ بەرمەڭ، مەيلى سىزنىڭ بېشىڭىزدىن قانچىلىك ئىش ئۆتكەن بولسۇن.


چۈنكى، سىز بىر ئادەمنى تولۇق چۈشەنمەيسىز، قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ بارلىق ئامىللارنى ئويلاپ بولالمايسىز، بەزىدە قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، قارشى تەرەپ ئۆزى ئەڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىنى يوقىتىپ قويۇپ ئۆمۈرلۈك داغدا قېلىشى مۇمكىن.


باشقىلارغا مۇھىم قارار چىقىرىپ بەرمەڭ، مەيلى ئۇ سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىز بولسىمۇ.


چۈنكى، ئۇنىڭ ھاياتى باشقا، سىز ھامان ئۇ ئەمەس.


ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن قاتتىق ئويلىشىڭ، باشقىلارنىڭ ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالمىسۇن.


-4-


پۇل ۋە مەنپەئەتكە تاقىشىدىغان ياردەمنى قىلماڭ


ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ نېمە غەرىزى بارلىقىنى سېزەلمەيدۇ.


قەلبى ساپ كىشىلەر باشقىلاردىن ئېھتىيات قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىدىن باشقىلار پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.


بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن:


ئەمدىلا بېيجىڭغا بارغاندا ئۇ بىر قىز بىلەن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى ناھايىتى كېلىشىدىغان بولۇپ، ئاستا-ئاستا ناھايىتى چىقىشىپ كەتكەن.


بىر كۈنى، ھېلىقى قىز دوستۇمدىن قەرز سورىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى، ئوپېراتسىيىگە جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. دوستۇم سەۋرچانلىق بىلەن ئۇ قىزغا بىر كېچە تەسەللىي بېرىپ چىققان، يەنە بىر نەچچە ئايلىق مائاشىنى ئۇ قىزغا بېرىپ تۇرغان.


ئۇ قىز كېتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن، كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن.


دائىم ھەرخىل ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بەزى ئالدامچىلىلار ھەتتە ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىنى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىمۇ ئالدىشىدۇ.


مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەمدە ئاجىزلىق ۋە نۇقسان بولىدۇ؛ ئىشەنچ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەملەرنىڭ ئەقلىي كۈچى ئاجىزلىشىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر چىن دىلى بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىدۇيۇ، ئۆزى بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىدۇ، ئۆيىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇن ئۇۋالچىلىقلارنى تارتىشىدۇ.


دوست ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدە، جىددىي ئىشلاردا ياردەم قىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن باشقىلاردىن پەخەس بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.


مەڭگۈ بىر ئادەمگە ئۇنچە ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى كىشى قەلبى بەك ئاسان ئۆزگىرىدۇ، بەزى ياردەمنى خاتا قىلىپ قويغاندا ئۆزىمىز ئۇۋالچىلىقتا قالىمىز.


پۇل ۋە مەنپەئەتكە تاقىشىدىغان ياردەمنى قارىغۇلارچە قىلماڭ، خەتىرى بار ياردەمنى ئېھتىيات بىلەن قىلىڭ.


ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئارقىڭىزدا بىر ئائىلە بار.


-5-


باشقىلار مىننەتدار بولمايدىغان ياردەمنى قىلماڭ.


مۇنداق بىر گەپ بار: «بىر قاچا ئاش بىلەن بىر ئادەمگە ياخشىلىق قىلىسىز، بىر قازان ئاش بىلەن ئون ئادەمنىڭ قارغىشىغا قالىسىز.» باشقىلارغا قىلغان ياردەمنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك، سىز باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىسىز، باشقىلارمۇ ياردىمىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، باشقىلار سىزدىن مىننەتدار بولمايدۇ.


مۇنداق بىر ھېكايە كەڭ تارقالغان:


بىر ئادەمنىڭ ئائىلە شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، قوشنىسىنىڭ ئىككى بالىسى دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئوينايدىكەن، ئوغلى يەيدىغان، ئوينايدىغان نەرسىلىرىنى ئۇ ئىككى بالىغا بۆلۈپ بېرىدىكەن.


بىر قېتىم ئۇ ئوغلىغا بىر ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىپتۇ، ئوغلى بۇنى بەك ياخشى كۆرگەچكە قوشنىسىنىڭ بالىسىغا بېرىپ تۇرۇشقا قىيماپتۇ، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن تېخى ئوغلىنى تىللاپتۇ، لېكىن ئوغلى يەنىلا ئاڭلىماپتۇ، قوشنىسىنىڭ بالىلىرى ناھايىتى خاپا ئۆيىگە قايتىپتۇ.


كەچتە، ئۇ قوشنىسىدىن كەچۈرۈپ سوراپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولۇپتۇ. لېكىن قوشنىسىنىڭ ئۇنى پىخسىق، بىر تال ئويۇنچۇقنىمۇ بالامدىن ئاياپ كېتىپتۇ تېخى دېگىنىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. قوشنىسى يەنە ئادەتتە ئۇنىڭ بالىلىرىغا بۆلۈپ بەرگەن نەرسىسىنىڭ بەكلا ئاز ئىكەنلىكىكىدىن، بالىلىرىنىڭ تويمىغانلىقىدىن قاقشاپتۇ.


چۈشىنىشكە ئېرىشەلمىگەن ۋە مىننەتدار بولمايدىغان ياردەملەرنى يەنىلا قىلمىغان تۈزۈك. ئاقكۆڭۈللىكىڭىزگە توپا قونۇپ قالمىسۇن، يەنە سەمىمىيىتىڭىز ئارقا-ئارقىدىن يانجىلمىسۇن.


سىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىڭىزنى چۈشەنمىگەن، مىننەتدارلىقنى بىلمىگەن ئادەم، مەيلى سىز قانچە كۆپ قۇربانلىق بېرىڭ، سىزنىڭ ياردىمىڭىزنى تېگىشلىك دەپ ئويلايدۇ.


بىر كۈنلەردە سىز ئۇنىڭغا داۋاملىق ياردەم بېرىشكە ئامالسىز قالغاندا، ئۇ ئەكسىچە سىزنى ئۇنىڭغا قەرزداردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


سىز مەڭگۈ بىر يالغاندىن ئۇخلىۋالغان كىشىنى ئويغىتالمايسىز، يەنە مەڭگۈ مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان بىر روھنى تويدۇرالمايسىز.


图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161