سىزدە مۇنداق تۇيغۇ بولۇپ باققانمۇ؟
بىر كۈن ھېچقانداق ئىش قىلمىسىڭىزمۇ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىغاندەك ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ بولغانمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بۇ خىل چارچاش بەدەننىڭ خورىشى بولماستىن، بەلكى كاللىمىزدىكى ئوي-خىياللارنىڭ ئۇرۇشۇشىدۇر — ئىشنى تېخى باشلىماي تۇرۇپلا، ياخشى قىلالمىساق قانداق قىلىمىز، چاتاق چىقسا قانداق يىغىشتۇرىمىز دەپ ئەنسىرەيمىز، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، باش-ئايىغىنى ئازراقمۇ تاپالمايمىز، ئەكسىچە ئويلىغانسېرى ئالاقزادە بولىمىز، ئويلىغانسېرى غەيرەتكە كېلەلمەيمىز.
ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كۆپ قىسىم باش قېتىنچىلىقلىرىنىڭ مەنبەسى « كۆپ ئويلاپ، ئىشنى ئاز قىلىش»تا. ئاقىۋەت ئىچكى خۇراش تەبىئىي ھالدا خۇددى قار پومزىكى دومىلىغانغا ئوخشاش بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كىچىك ئىشمۇ كۆڭلىدە بىر چوڭ تاغ ھاسىل قىلالايدۇ.
غۇۋا تەشۋىش ئىچىدە ئولتۇرغاندىن كۆرە، ئەنسىرىگەن ئىشىڭىزنى پارچىلاپ، كونكرېت كىچىك ئىشلارغا بۆلۈپ قىلغان ياخشى؛ ئەگەر بۇ ئىشنى تىرىشسىڭىزلا ھەل قىلغىلى بولسا، ساقلاپ تۇرماي، دەرھال قول سېلىپ ئىشلەڭ، ئوندىن بىر قىسىمنى ئاۋۋال تاماملىغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ئورنىڭىزدا تىركىشىپ تۇرغاندىن ياخشى؛ ئەگەر بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا، ھەرقانچە ئويلىسىڭىزمۇ ئۆزگەرتەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا روھىي ھالىتىڭىزنى تەڭشەپ قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئامال يوق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ تىركىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
ۋاقىتنى ئاشۇ پايدىسى يوق «ناۋادا»لارغا ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ، ئىش قىلىدىغان چاغدا پۇختا ئىش قىلىڭ، ئارام ئالىدىغان چاغدا پۇخادىن چىققۇچە ئارام ئېلىپ، كونكرېت ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق كۈنلىرىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈڭ. سىز ئالدىراشلىق ئىچىدە ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭغاندا، ئىلگىرى سىزنى بىئارام قىلغان تەشۋىشلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەيلا سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى، كۆڭلىڭىزنىڭمۇ خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.


