大数跨境

ئۆي پاكىزە بولسا، ئادەم راۋاج تاپىدۇ

ئۆي پاكىزە بولسا، ئادەم راۋاج تاپىدۇ Qux Tori
2025-12-14
2

图片سىز تۇرۇۋاتقان ئۆي خۇددى سىزنىڭ ئەكسىڭىزگە ئوخشاش تۇرمۇشىڭىزنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ

图片

ئەلقەم تۇرسۇن 

ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (رادىيو-تېلېۋىزىيە گۇرۇھى) 104.6 قاتناش سەنئەت رادىيوسىنىڭ رىياسەتچىسى

"خەيرلىك كەچ" سەھىپىمىز گۈزەل ئاخشامدا سىزنى شېرىن ئۇيقۇغا باشلايدىغان يېقىن ھەمراھىڭىز ھەم سىرداش دوستىڭىز 

 ئۆينىڭ پاكىزلىقى بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. چوڭلىرىمىز ئېيتقاندەك: «پاكىزە جايدا ئېسىل ئادەملەر تۇرىدۇ، ئېسىل ئادەملەر تۇرغان جاي پاكىزە بولىدۇ»، پاكىز تۇتۇلغان ئۆي كىشىنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.

ئۆي پاكىزە بولسا، ئادەم راۋاج تاپىدۇ.

داڭلىق پەيلاسوپ ماركىس مۇنداق دېگەن: «ئادەم مۇھىتنى ئىجاد قىلىدۇ ، ئوخشاشلا مۇھىتمۇ ئادەمنى ئىجاد قىلىدۇ»

ئائىلە بىزنىڭ تۇرار جايىمىز، شۇنداقلا روھىيىتىمىزنىڭ ماكانى. ناۋادا بىر ئۆي ئۇزۇن مەزگىل قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرسا، ئۇنداقتا شۇ ئۆيدە تۇرغان كىشىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئىلگىرى ئىككى گۇرۇپپا ئادەم تەشكىللەپ مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن:

A گۇرۇپپا: بەخت كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خۇشاللىققا تولغان.

B گۇرۇپپا: بەخت كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خاپىلىققا تولغان.

تەتقىقاتچىلار بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردا روشەن پەرق بارلىقىنى بايقىغان.

بەخت كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئۆيى ئىنتايىن رەتلىك ھەم پاكىزە. بەخت كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئۆيى ئىنتايىن قالايمىقان ئىكەن.

A گۇرۇپپىدىكى مەلۇم كىشى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «ھەر قېتىم پاكىزە، رەتلىك تازىلانغان ئۆينى كۆرگەندە، خاپىلىقلىرىم قاياقلارغىدۇر يوقاپ، ئۆزۈمنى شۇنداق ئەركىن ھېس قىلىمەن» دېگەن.

داڭلىق پەيلاسوپ لياڭ شۇمىن مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئۆمرىدە ئالدى بىلەن شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىشى كېرەك».

ئۆي پاكىزە بولغاندىلا، ئادەم زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدۇ. ئۆي پاكىزە بولغاندىلا، تۇرمۇش ئاددىي ۋە گۈزەل بولىدۇ.

پاكىزلىق - بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسى، كەيپىياتىڭىز ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ، ئۆيىڭىزنىڭ پاكىز تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھامان ناچار كەيپىياتلار يوقىلىپ كېتىدۇ، ھەر قانچە بېشىڭىز قاتىدىغان ئىشلارمۇ، ئۆيىڭىزنىڭ پاكىز تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھامان يوقىلىپ كېتىدۇ.

ياڭ جياڭ بولسا، ئېغىر-بېسىق، سالاپەتلىك، بىلىملىك ئايال. گەرچە ئۇ جاپالىق يىللاردا ياشىغان بولسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ياشانغان ۋاقىتلىرىدا، يولدىشى ۋە تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان ياڭ جياڭ ئۆزى يالغۇز، يەككە-يېگانە تۇرمۇش كەچۈرگەن. بىراق ئۇ قەتئىي قايغۇرماستىن، ئۈمۈدۋارلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ياشىغان. يالغۇز تۇرمۇش كۈچۈرگەن شۇ كۈنلەردە، ئۇ داڭلىق نەسىرلەر توپلىمى «ئۈچىمىز» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

ئۇنىڭ دېيىشىچە: ھاياتلىقتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولسا، ئىچكى دۇنيارىڭىزدىكى جىمجىتلىقتۇر. ئۇنىڭ تۇرمۇشى دەل مۇشۇنداق ئۆتكەن. گەرچە تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا سالماقلىق بىلەن كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تۇرمۇشىنى تەرتىپلىك ئۆتكۈزگەن. تۇرمۇش ئۇنى شۇنچە قىينىسىمۇ، ئۇ يەنىلا تۇرمۇشقا كۈلۈپ باققان.

بەخت كۆڭۈل خاتىرجەملىكىدىن كېلىدۇ

كىشىلەر ئېرىشىشنى خالايدىغان بەخت سىرتتا بولماستىن، ئەكسچە ئۆزىنىڭ قەلبىدە دېيىشىدۇ، ئامەت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، پەقەتلا ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشىسىز. كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولمىسا، ھەر قانچە ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنىڭمۇ مەنىسى بولمايدۇ. كۆڭۈل خاتىرجەم بولسا، تۇرمۇش ئاددىي، مەنىلىك ئۆتىدۇ. كۆڭلى خاتىرجەم ئادەم ھاياتنىڭ سىناقلىرىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، ئەركىن-ئازادە ياشىيالايدۇ. كۆڭلى خاتىرجەم ئادەم ھەرقانداق ئىشقا يولۇققاندا، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلالايدۇ.

«تازىلاشنىڭ كۈچى» ناملىق كىتابتا داڭلىق بىر جۈملە بار: «مۇبادا سىزنىڭ ئۆيىڭىز مەينەت ھەم رەتسىز بولسا، غايە ۋە ئامەت سىزدىن قاچىدۇ، بۇ خىل ھالەتكە يەنىلا پەرۋاسىز قارىسىڭىز ھەتتا سىزنى نەس بېسىشىمۇ مۇمكىن».

ھاياتلىقتا سەۋەب بولغانىكەن نەتىجىمۇ بولىدۇ. ئائىلە پاكىزە بولسا ئادەم تىنىچ بولىدۇ، كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ. كۆڭۈل خاتىرجەم بولسا، بەخىت سىزنى ئىزدەيدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆينىڭ ئورنىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن مۇھىمى ئۆيىڭىزنىڭ پاكىزە بولىشى.

سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، پاكىزە ھەم ئازادە ئۆيگە قەدەم باسقاندىلا، سىزدىكى بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر كۆتىرىلىپ كېتىدۇ.

 پاكىزە، ئىللىق ئۆيدە ياشايدىغىنى ئەلۋەتتە تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، سەمىمىي كىشى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغانىكەن، تۇرمۇشىڭىز بەخىتلىك بولماي قالامتى؟


来源:乌鲁木齐维吾尔语广播

一审: 热依汗古力

二审:穆拉地力

三审:阿不拉江

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161