大数跨境

بۇ 3 يەرگە ئامراق ئەرلەر راۋاج تاپالمايدۇ

بۇ 3 يەرگە ئامراق ئەرلەر راۋاج تاپالمايدۇ Qux Tori
2025-12-14
1
图片ھەر بىر ئايال جۆرە تاللىغاندا، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان، ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ئەرلەردىن يىراق تۇرۇشنى ئويلايدۇ . لېكىن يېڭىلا تونۇشقاندا بۇ نۇقتىنى بايقاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ بەزى مۇھەببەت ماھىرلىرى بۈگۈنى سوۋغات بەرسە، ئەتىسى گۈزەل جايلارغا ساياھەتكە ئېلىپ چىقىپ، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى تېزلا ئۇتىۋالىدۇ. 
ئادەمگە قارىغاندا، كۆز بىلەن قارىماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا خاتالىشىپ قالىدۇ، قۇلاق بىلەن ئاڭلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا نۇرغۇنلىغان يالغانلارغا تولغان، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىش كېرەك، چۈنكى ۋاقىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىسپاتلايدۇ.
ئالغا بېسىشقا ئىنتىلمەيدىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتا بۇ ئۈچ جايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. بۇنداق ئادەمگە يولۇققاندا، بالدۇرراق ئۇلاردىن يىراقلىشىڭ!
图片
1- قىمارخانا
مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم:
بىر ئادەمنى نابۇت قىلماقچى بولساڭ، ئۇنى بىر خىل ھەۋەسكە باشلاپ قوي.
ھەر بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى بولىدۇ، ئەگەر بۇ قىززىقىش بەدەنگە، ھېسسىياتقا زىيان يەتكۈزمىسىلا، خالىغانچە قىلسا بولىدۇ، بىراق بەزى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى، باشقىلارنىڭ كىتاب كۆرۈشى، ناخشا ئاڭلىشى، ۋېلىسىپىت مىنىپ بېلىق تۇتۇشىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى قىمارغا سەرپ قىلىدۇ.
قىماردا كۆپ ئۇتتۇرۇپ قويغان ئادەم، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئامەت كېلىپ ئۇتىۋېلىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ، بىر نەچچە قېتىم يەڭگەن ئادەمنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئۇلارنى قىمار ئۈستىلىگە سولاپ قويىدۇ، بۇنداق ئادەملەر بىر قەدەممۇ ئىلگىرى باسالمايدۇ. ئۇنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا بۇيرۇسىڭىز، ئۇ مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئازراق پۇل تېپىپ بۇ ئۆينى قامداش ئۈچۈن دەيدۇ. ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەرسىڭىز، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ئىشلەشنى خالىمايدۇ.
قىمارنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم يېڭىش-يېڭىلىش ئوتتۇرىسىدىكى ھاياجاننى قوغلىشىدۇ، ئۇلار تىجارەت يولىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. خاپا بولسىڭىز، بەلكىم بىر مەھەل ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن قىمار خۇمارىنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ.
图片
2- قاۋاقخانا، بەزمىخانا
نۇرغۇن ئەرلەر ھاراق ئىچىشنى ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئىش دەپ قارايدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچكەندە ھەقىقەتەن نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئادەمنى ئازادە قىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى كونترول قىلالماي، ئىشتىن چۈشۈپلا قاۋاقخانىغا بېرىپ، ھاراق ئىچىپ كېچىچە ئوينايدۇ.
بەزىلەر مەست بولۇپ قېلىپ، سىرتتا ئۇرۇشۇپ جېدەل چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالى كەينىدىن ئەگىشىپ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، تۆلەم تۆلەپ ئاچچىق كۈلىدۇ. يەنە بەزىلەر مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆيگە قايتىپ راسا ئاچچىقلىنىپ، ئىستاكان، قاچا-قۇچا، تاراق-تۇرۇقلارنى چاقىدۇ، ھەتتا بەزىدە يەنە ئايالىغا قول تەككۈزىدۇ.
图片
بۇنداق ئادەملەر بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇراي دېسە، مەست بولۇپ قالغان ئادەم قائىدىنى چۈشەنمەيدۇ. ھېساپلاشماي دېسە، ھاراق ئىچىپ قايتا-قايتا كۆڭلىنى ئاغرىتىپ بولۇپ، ئەتىسى يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك، نېمىشقا يىغلاپ كۆزىڭىز قىزىرىپ كەتتى دەپ سورايدۇ.
ھەممە ئىشتا ئۆلچەمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئەرلەر بەزىدە قاۋاقخانىغا بېرىپ بىر نەچچە رومكا ئىچىپ، جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرىنى ئارام ئالدۇرسا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن كۈن بويى بۇ خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا تارتىشسا، بۇ خىل كىشىلەردىن يىراق تۇرمىسا بولمايدۇ.
图片
3- ئاقماس ئاغىنىلىرىنىڭ يىغىلىشى
جەمىئىيەتتە جان باقماق تەس، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت بۇ نەرسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
لېكىن بەزى ئەرلەر كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورناتتىم دەپ تايىنى يوق سورۇنلارغا بېرىپ بىر مۇنچە ئاقماس ئاغىنە تۇتىدۇ، نەچچە قېتىم كېچىچە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ئۆيگە كېلەلمىگەندە، ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلسىڭىز، ئۇ يەنە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي: «سىز نېمىنى بىلەتتىڭىز، ئەر كىشى دېگەن مېھماندارچىلىقنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، دوست كۆپەيسە يولمۇ كۆپىيىدۇ!» دەيدۇ. لېكىن بىر كۈنى سىلەر ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، بۇرۇنقى زىياپەتتە تونۇشقان ئاغىنىلىرىنىڭ ھەممىسى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىم تۇرىۋالىدۇ.
图片
تۇرمۇش ئاسان ئەمەس، دوستى كۆپ بولسا ھەقىقەتەن يولى كۆپىيىدۇ، لېكىن جان تىكىپ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان دائىرىگە سىڭىپ كىرىپ، تۇتقان ئاقماس دوستنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
ھەر خىل «كىشىلىك مۇناسىۋەت زىياپىتى» گە مەپتۇن بولۇپ، دوستلۇققا ئېسىلىۋېلىشنى، ئۇدۇل يول مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان، ئەستايىدىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەمىشە بىرەر چوڭ ئەرباب بىلەن تونۇشۇشنى، شۇ ئەربابلارنىڭ ئۆزىنى يېتەكلىشىنى ئويلاپ يۈرىدۇ. ئەگەر كۈنلىرى ياخشى  ئۆتمىسە، ئۆزىنىڭ تەلىيىنىڭ كاجلىقىدىن ئاغرىنىدۇ، بىراق ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ يېتەرلىك تىرىشقان ياكى تىرىشمىغانلىقى ئۈستىدە ئويلانمايدۇ.
بۇنداق ئادەم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەندە، ئۇنىڭ سىزگە تۆلىگەن بەدىلى مەقسەتلىك بولىدۇ. ئۇ بەلكىم سىزنىڭ ئائىلە شارائىتىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىنى ياكى چىرايلىق، مۇلايىم بولۇشىڭىزنى كۆزلىگەندۇ، ئىشقىلىپ سىز بىلەن بىللە بولۇشى ھەرگىزمۇ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس.
بۇ ئۈچ جايدىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەن ئەرلەر بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا يەنىلا بالدۇرراق يىراقلاشقان ياخشى!

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161