大数跨境

نومۇس ئاجىزلىق ئەمەس ، بەلكى سۆڭەككە ئويۇلغان تەربىيە

نومۇس ئاجىزلىق ئەمەس ، بەلكى سۆڭەككە ئويۇلغان تەربىيە Qux Tori
2025-12-29
2

图片بايقىدىڭىزمىكىن، ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر «يۈزى قېلىن بولسا ئاندىن ئىش قىلالايدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، لېكىن نېمىشقا ھەقىقىي يىراققا مېڭىپ، كىشىنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلىدىغىنى، كۆپ ھاللاردا لايىقىدا ئىش قىلىدىغان، نومۇسنى بىلىدىغان كىشىلەر بولىدۇ؟

بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئالاھىدە ئەمەلىي تېمىدىن بىرنى پاراڭلاشماقچىمەن — نومۇس تۇيغۇسى ئەزەلدىن ئاجىزلىق ئەمەس، ئەكسىچە بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئالىي شان-شەرىپى.

مەن دائىم بالىلارغا، بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىر تارازا بولۇشى كېرەك، بۇ تارازا «ئەخلاق تۇيغۇسى»ۋە «نومۇس تۇيغۇسى»دۇر، دەيمەن. مەيلى يات جىنسلارغا بولغان مۇئامىلىدە بولسۇن، ياكى دوستلار ئارا بېرىش-كېلىش قىلىش بولسۇن، كۆڭلىڭىزدە بۇ ئىشنى توغرا ئەمەس، ئەخلاقسىز دەپ قارىسىڭىز، يېنىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلىشىڭىز كېرەك. قەلبىڭىزگە خىلاپ ھالدا زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى قوغلىشىش تۇيغۇسى خۇددى قەلبىڭىزگە بىر پارچە مەينەت نەرسە تاشلىغانغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل تۇيغۇ سىزنى بىئارام قىلىپلا قالماي، يەنە سىزنى بىر ئۆمۈر غەلىتىلىك ئىچىدە ياشىتىدۇ.

«خىجىل بولۇش»نى قورقۇنچاقلىق دەپ قارىماڭ، «ئىزا تارتىشنى بىلىش»نىمۇ يۈك دەپ قارىماڭ. دەل ئەكسىچە، بۇ «خىجىل بولۇش»سىزنىڭ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغۇچىلاردىن پەرقلىنىدىغان بەلگىڭىزدۇر؛  بۇ «ئىزا تارتىشنى بىلىش»سىزنىڭ ئادەم بولۇشتىكى غەيرىتىڭىز ۋە شىجائىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن ياشىشىدا تايىنىلىدىغىنى ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش بولماستىن، بەلكى قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتەك ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتۇر. قەلبىڭىزدە ئەيمىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى رەت قىلسىڭىز، نومۇسنى بىلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن قەلبىڭىزنىڭ پاكلىقىنى ساقلىسىڭىز، بۇ خاتىرجەملىكنى باشقىلار ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161