چۈشىڭىزدە قارا كالىنى كۆرسىڭىز، بۇ چۈش سىزنىڭ دوستىڭىزنىڭ ياردىمىدە باي بولالايدىغانلىقىڭىزدىن، شۇنداقلا كېيىن ئەمەلىي كۈچى بار ھەم ۋىجدانلىق دوست تۇتالايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ياخشى ئىشنىڭ ئالامىتى.
چۈشىڭىزدە ئىككى قارا كالىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئىنتايىن بەختلىك، ئىناق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھامىلدار ئايال چۈشىڭىزدە قارا كالىنى كۆرسىڭىز، سىز كەلگۈسىدە ناھايىتى ۋاپادار ئوغۇل تۇغىسىز، بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇ ياخشى ئىشنىڭ ئالامىتى.
چۈشىڭىزدە قارا كالىنى سۇ ئېقىتىپ كېتىپ چۈشىسىڭىز ، جىنسىي جەھەتتە كرىزىس يۈز بېرىدۇ. جىنسىيەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن سىز پۈتۈنلەي ئېھتىيات قىلمايسىز، بەلكىم بىردەملىك ھاياجىنىڭىزغا تايىنىپلا گاڭگىراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر يەنە سەگەك بولمىسىڭىز، چوقۇم ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىسىز.
سودىگەر چۈشىڭىزدە قارا كالىنى سۇ ئېقىتىپ كېتىپ چۈشىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ياخشى كىشىلەر ياردەم قىلىدۇ.
چۈشىڭىزدە قارا كالىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەلىيىڭىزنىڭ يامان ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن ئېھتىيات قىلىڭ، پەسكەشلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىڭ.
چۈشىدە چوڭ قارا كالا كۆرسە، مۇھەببەت جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا، قارشى تەرەپنىڭ قەلبىنى كۆپرەك چۈشىنىش كېرەك .
بويتاقلارنىڭ چۈشىدە قارا كالىنى كۆرۈشى ساياھەتكە چىقىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدە قارا كالا ئۇچقاندەك يۈگۈرسە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىڭىزدا توسالغۇغا ئۇچرايسىز، بىراق دوستلىرىڭىز ياردەم قىلىدۇ.
سودىگەر چۈشىڭىزدە قارا كالىنىڭ ئۇچقاندەك چېپىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىزنىڭ ئائىلە بىلەن بىر قەدەر چوڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز، لېكىن نۇرغۇن چىقىمنى ھەمىشە ئائىلە پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاياللار چۈشىدە قارا كالىنىڭ ئۇچقاندەك چېپىپ يۈرگىنىنى كۆرسە، بۇ مەزگىلدە خۇشاللىق ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىستىقبالى تەرەققىياتى ۋە كەسپى گۈللىنىدۇ. تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ مەغرۇرلىنىش ياكى ھەددىدىن زىيادە بوشاڭلىق ۋە بىھۆرمەتلىك قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا تەلىيى كاج كېلىدۇ.
دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار چۈشىدە قارا كالىنىڭ ئۇچقاندەك يۈگۈرگەنلىكىنى كۆرسە، ساياھەتكە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


