چۈشتىكى ماشىنا ، ئادەمنى تەلپۈندۈرىدىغان تۇرمۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، قانچە ياخشى ماشىنا ، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ كۆڭلىدىكى ئارزۇ، چۈشىدە ئەمەلگە ئاشقاندىمۇ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.
سودىگەر چۈشىدە ماشىنا سېتىۋالسا، چۈش كۆرگۈچىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئامىتى ناھايىتى ياخشى، سودا قىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئالىملارنىڭ چۈشىدە ماشىنا سېتىۋېلىشى چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ مۇستەقىل، ئەركىن بولۇشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ بەلكىم يېقىندىن بۇيان ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، ئۆزىنى مۇۋاپىق ئەركىن تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
چۈشىدە ماشىنا سېتىۋالغاندا پۇلى يېتىشمىسە، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ يېقىندا ناھايىتى ياخشى ئامىتى كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە باشقىلار ماشىنا سېتىۋالسا، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ پەسكەشلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈش كۆرگۈچىلەرگە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ.
چۈشىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ماشىنا سېتىۋالغانلىقى چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدىن، تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن بەختلىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


