چۈشىدە ھايۋانات باغچىسىنى كۆرۈش ئادەتتە تىنچ-مۇقىم، تەبىئىي تۇرمۇش ھالىتىنى، بىلىم ئېلىش ئىستىكى، ئىزدىنىش ئېڭى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەشكە سىمۋول قىلىنىدۇ.
چۈشىڭىزدە ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تۇرمۇش، خىزمىتىڭىزنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى، دۈشمىنىڭىزنىڭ سىزدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، سىز يەنە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىسىز.
چۈشىڭىزدە ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە ھايۋاناتلار باغچىسىنى ئايلىنىش، تۇرمۇشۇڭىزنىڭ خاتىرجەم، خۇشال، ئائىلىڭىزنىڭ ئىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەرلەر چۈشىدە ھايۋانات باغچىسىنى كۆرسە، تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەم، ئىشلىرىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئىزدىنىش ئېڭىنىڭ كۆڭلىدىكى ئىنكاسى بولۇپ، كەسىپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاياللارنىڭ چۈشىدە ھايۋاناتلار باغچىسىنى كۆرۈشى تۇرمۇشنىڭ تىنچ-مۇقىم ئىكەنلىكىنى، قەلبىنىڭ ئانا مېھرىگە تولغانلىقىنى، ئېرى ۋە بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان سەمىمىي رەپىقە ۋە مېھرىبان ئانىغا ئايلىنىدىغانلىقىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھايۋانات باغچىسى ياكى مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ،سىزنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بىلىم ئېلىش ئىستىكى ۋە ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ھەمدە باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى، داڭلىق ئالىم، تەتقىقاتچى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ ھايۋانات باغچىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغانلىقىنى كۆرۈش ،چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىزدىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنى ھەقىقىي چۈشىنىشنى، ئۆزىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشنى ھەمدە تەبىئەتنىڭ ساددا تۇرمۇشىغا تەشنا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


