大数跨境

نامرات ئائىلىنىڭ قىزىنىڭ خارۋارتقا ئۆتىشى

نامرات ئائىلىنىڭ قىزىنىڭ خارۋارتقا ئۆتىشى Qux Tori
2026-01-28
2

图片خارۋاردقا ئۆتكەن كۈلقىز

图片

بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم تولىمۇ تەسىرلىك بىر فىلىم. شۇنداقلا ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە.

خارۋارد داشۆسى دۇنيا بويىچە ئۆتۈش ئەڭ تەس، شۇنداقلا ئەڭ شەرەپلىك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. مۇشۇنداق بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا نائىل بولۇش سانسىزلىغان ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئارزۇسى!

بىراق بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە تونۇشتۇرماقچى بولغان باش قەھرىمان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇ ياخشى ئارزۇلىرىغا نائىل بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى شۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ باققان، ھېچ بولمىغان سىناپ باققان بىر باتۇر قىز!

图片

لىز ماررىي ئامېرىكىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە تۇغۇلغان قىز بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا غۇربەتچىلىك ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقان.

دادىسى ھاراق ئىچىپ زەھەر چېكىپ، ئاپىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئامالسىز قالغان لىز سىرتقا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان، سەرسان-سەرگەردانلىقتا، تۇرمۇشنىڭ ئازابى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى جىق ئازابلىغان.

图片

ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، لىز كىتاب ئوقۇغاندىلا ئاندىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، لاي-پاتقاق كەبى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

ئۇ مۇئەللىمدىن بىر ئىمتىھان قەغىزىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بارلىق جاۋابلارنى چىرايلىق تاماملاپ، ئوقۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن.

شۇنىڭدىن باشلاپ، لىز ئۇزاققا سوزۇلغان بىلىم ئېلىش مۇساپىسىغا قەدەم قويىدۇ. ئۇ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن خارۋارد داشۆسىنىڭ تولۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

图片

يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا ھەتتا ئۇچىسىدا تۈزۈكرەك كىيىمىمۇ يوق ئىدى. لېكىن نامراتلىق لىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ھاياتلىق لۇغىتىدە ئەزەلدىن چېكىنىش سۆزى مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت كۈرەشلا مەڭگۈلۈك تېما!

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161