چۈشىدە سۈزۈك بۇلاق كۆرسە، بۇ تۇرمۇشنىڭ بەختلىك، خۇشال - خۇرام ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنىدۇ.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەرنىڭ چۈشىدە سۈزۈك بۇلاق بولۇشى مۇھەببەتنىڭ ئوڭۇشلۇق، شېرىن، بەختلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىڭىزدىكى بۇلاق سۈيى بەك مەينەت بولسا، سىزنىڭ باشقىلار بىلەن جېدەللىشىشىڭىزدىن ياكى باشقا كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چۈشىدە بۇلاق سۈيى توختىماي ئېتىلىپ چىقسا، ئەرزان نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەلكىم دۇكان خوجايىنى بىلەن سۆزلىشىپ، يېرىم باھادا نەرسە سېتىۋالالىشى ياكى ئەرزان باھالىق يايمىلاردىن تاسادىپىي قىممەت باھالىق تاۋارلارنى سېتىۋالالىشى مۇمكىن.
چۈشىدە بۇلاق سۈيى ئىچسە، ئامەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە ھازىر ھەممە يەردە كاساتچىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى.
چۈشىدە تەبىئىي ئىسسىق بۇلاق سۈيى ياكى ئارىشاڭنى كۆرسە، سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئاغرىپ قېلىشى مۇمكىن.


