

تۇرمۇش خوددى ئاياققا ئوخشايدۇ. ئاياقنىڭ قانچىلىك چىرايلىق بولىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى پۇتقا ماس كىلىش -كەلمەسلىكى، قانداق ئادەم بىلەن توي قىلىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى تۇرمۇشتىكى ئىناقلىق. مەيلى قانچىلىك چىرايلق، قىممەت باھالىق ئاياق بولۇپ كەتسىمۇ، كىيگەندە راھەت بولمىسا پۇتىڭىزنى ئاغرىتىپ يول مېڭىشىڭىزنى قىيىنغا چۈشۈرىدۇ.
باشقىلار بەلكىم نىمانداق چىرايلىق دەپ ماختاپ قويىشى مۇمكىن خالاس. بىراق پۇتىڭىزنىڭ ئاغرىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. تۇرمۇشمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ، كۆرۈنۈشتە شۇنچىلىك باي-باياشات كۆرۈنگەن ئائىللەر بەلكىم كۆڭۈل ئاغرىقلىرى بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا سىزگە كەڭ قورساقلىق بىلەن پۈتۈن مېھرىنى بېرىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا، ئۇنى قەدىرلەڭ، ئۇ سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ سىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىڭىزنى كەڭ قورساقلىق بىلەن كۆتىرۋېتەلەيدىغان بىرى.


