رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر چىشىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى چۈشەيدۇ، ئېلىمىز ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەردىكى خەلق ئارىسىدا چۈشىدە چىشىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن گەپ تارقالغان. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى كىتابلىرىدا، چىش چۈشۈش «ئائىلىدە مۇسىبەت بولۇش» نىڭ سىمۋولى، دەپ ئېنىق يېزىلغان. ئەلۋەتتە، چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كەتسە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئاپەت كېلىدۇ دېگەن ياخشى بولمىغان قاراش، فرويىد ئۆزىنىڭ «چۈش ھەققىدە ئىزاھات» ناملىق كىتابىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كەتسە ئۆيدە ئادەم ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنىدۇ، دېگەن قاراش بىمەنە ھەم خاتا، توغرا چۈشەندۈرۈش پىسخىكىنىڭ ئاختا قىلىنغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىشى كېرەك.
چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كېتىش، چىشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بارلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
چۈشنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى فىزىيولوگىيەلىك غىدىقلىنىش، شۇڭا بەزى چۈشلەرنىڭ مەنىسى بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرىدىغان فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋال، مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىدە ھاجەتخانا ئىزدەش چۈشىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئويغانغاندىن كېيىن كۆپىنچە ئۇدۇل ھاجەتخانىغا بارىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ دوۋساقنىڭ سۈيدۈك قىستاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چۈش. شۇڭا چۈشىدە چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى پۈتۈنلەي فىزىيولوگىيەلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، چىشنى قۇرت يېيىش ياكى چىشتا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇش قاتارلىقلار.
چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كەتسە، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنىدۇ.
چىش ئېغىز بوشلۇقىدا ئۆسىدۇ، كونىلاردا «گەپدان» دېگەن گەپ بار، بۇ بىر ئادەمنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا ناھايىتى گەپدان ئىكەنلىكىنى سۈپەتلەيدۇ، شۇڭا چىش بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ئالاقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چىش چۈشۈپ كەتسە، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنىشى مۇمكىن.
چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كەتسە، ئورۇقلاشقا سىمۋول قىلىنىدۇ.
چىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى يېمەكلىكنى چايناش، چىش چۈشۈپ كەتسە، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى ئەمەلىيەتتە يېمەكلىكنى چاينىيالماسلىق دېگەنلىكتۇر، بىر ئادەم نېمە ئۈچۈن يېمەكلىكنى چايناشنى رەت قىلىدۇ؟ بىزگە مەلۇمكى سېمىزلىك ۋە كۆپ يېيىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك چىشى چۈشۈپ كەتسە، ئادەم كۆپ يېيەلمەيدۇ، شۇڭا تەبىئىيلا ئورۇقلاپ كېتىدۇ. شۇڭا چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كېتىش چۈش كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىنى بەك سېمىز ھېس قىلىپ، ئورۇقلىماقچى بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.
چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كەتسە، روھىي جەھەتتىكى چېكىنىش ياكى ئۆسۈپ يېتىلىشكە سىمۋول قىلىنىدۇ.
چىشنىڭ ئۆسۈشى بىر ئادەمنىڭ يېشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، شۇڭا چىشتىن بىر ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك يېتىلىش دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كەتسە، ئۇ پىسخىكا جەھەتتە چىشى يوق ياشقا قايتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۈبھىسىزكى، بۇ چېكىنىش بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئىشقا يولۇققاندا كىچىك بالىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىنىڭ سىمۋولى.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا، چىش چۈشۈش يەنە سۈت چىش چۈشۈش مەنىسىمۇ بار، شۇڭا ھازىر بىر ئادەمنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشى.
چۈشىدە چىشى چۈشۈپ كەتسە، ئەسلىدىكى مۇستەھكەم ئىدىيىسىنىڭ تەۋرىنىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چىش ئادەم بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇستەھكەم نەرسە، شۇڭا ئۇمۇ مۇستەھكەملىكنىڭ سىمۋولى. ھالبۇكى، بىز كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پىسخىكا جەھەتتە مۇستەھكەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانداق نەرسە بار؟ جاۋابى مەسىلەن، قىممەت قارىشى، دۇنيا قاراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا چۈشىمىزدە چىشىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇ بىزنىڭ ئەسلىدىكى ئىدىيىرىمىزنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقىنىڭ سىمۋولى.


