大数跨境

قىزلار لايىق ئىزدەش سەپىرىدە

قىزلار لايىق ئىزدەش سەپىرىدە Qux Tori
2025-07-28
2

图片ئارزۇيىمىزدىكىدەك لايىق ئىزدەش سەپىرىدە، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، يىگىتنىڭ ھەربىر خىل ئالاھىدىلىكىنىڭ مۇناسىپ يەنە بىر تەرىپى بولىدۇ.ئەگەر سىز ئىش قىلىشتا كەسكىن، قىلالمايدىغان ئىشى يوق ئوغۇل باللارغا ئامراق بولسىڭىز، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەرلىك ئۈستۈنلۈكىنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سەبىي، ساددا، نازۇك ئوغۇل دوستىنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭدا كەمچىل بولغان غەيرەت ۋە شىجائەتنى سىغدۇرۇشىڭىز كېرەك؛ 

 ئوغۇل دوستىنىڭ ھەم پۇلدار ھەم مۇلايىم بولۇشىنى، بۇ مۇلايىملىقنىڭ كەينىدە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلىش كېرەك؛ئەگەر ئوغۇل دوستى تۇرمۇشقا ماھىر بولسا، ئۇنىڭ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك؛ئەگەر ئوغۇل دوستى كەسىپتە ئۇتۇق قازانسا، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولۇشىنى تەلەپ قىلىش تەس؛ئەگەر ئوغۇل دوستى ئائىلىسىدىن ئايرىلمىغان بولسا، بەلكىم ئۇنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ قويۇش كېرەك. ئەگەر سىز گەپ ئاڭلايدىغان، قۇلىقى يۇمشاق ئوغۇل دوستىڭىزغا ئامراق بولسىڭىز، ئۇنىڭ مۇستەقىل قارىشى كەمچىل بولۇشىنىڭ ئىپادىسىگە چىداپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. دۇنيادا مۇكەممەل ئوغۇل دوست يوق، ئۇنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىيەلەيدىغانلىقىنى خام خىيال قىلماڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىز بىر ئۆمۈر ئاغرىنىش ئىچىدە ئۆتۈپ، ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ھەقىقىي قوبۇل قىلالمايسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن،  مۇھەببەت  مۇكەممەل بىرىنى ئىزدەش ئەمەس ، بەلكى  مۇكەممەل نەزىرىمىز بىلەن ئاشۇ مۇكەممەل بولمىغان بىرىنى  قوبۇل قىلىشتۇر! 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161