搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
يۈرەكتە مەسىلە بولسا بەدەندە بۇ 4 ئالامەت كۆرۈلىدۇ
>
يۈرەكتە مەسىلە بولسا بەدەندە بۇ 4 ئالامەت كۆرۈلىدۇ
Qux Tori
2025-09-13
4
«خۇاڭدىنىڭ ئىچكى تىبابەتچىلىك دەستۇرى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «يۈرەك ئۇ ئىچكى ئەزالار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ». ئۇنىڭدىن يۈرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار ئىچىدە نەقەدەر مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ خۇددى بۇرۇنقى دەۋىردىكى پادىشاھلارغا ئوخشاش ئۇلاردىكى ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئەڭ چوڭ، شۇنىڭدەك يۈرەكمۇ پۈتۈن بەدەننىڭ يادرولۇق باشقۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.
ئادەمنىڭ يۈرىكى ساغلام بولغاندىلا ئاندىن پۈتۈن بەدىنى ئوزۇقلىنالايدۇ، ئەگەر ئادەمنىڭ يۈرىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە، بەدەندىمۇ ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا ئادەمنىڭ يۈرىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە بەدىنىدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
يۈرىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلەرنىڭ بەدىنىدە تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالامەت بولىدۇ:
1. كالپۇكى كۆكۈش سۆسۈن رەڭدە بولۇش
ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كالپۇكىنىڭ رەڭگى تۇيۇقسىز قېنىقلىشىپ، كۆكۈچ سۆسۈن رەڭدە بولسا(توڭلاپ رەڭگى ئۆزگەرگەننى سىرتقا چىقىرۋىتىمىز)، بۇ ئەھۋالدا ئاۋال يۈرەككە دىققەت قىلىش كېرەك.
چۈنكى بۇ خىل سۆسۈن رەڭلىك كالپۇك ئادەتتە يۈرەك كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى،
بۇ خىل ئەھۋال قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا يۈرەك كېسىلى، كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، سەكتە بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.
2. ئۇخلىغاندا چىش ئاغرىش
ئەگەر ئۇخلىغان ۋاقىتتا چىشىدا غەيرى ئاغرىش يۈز بەرسە، ھەمدە قايسى چىشنىڭ ئاغرىغىنىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىسا، يا قىزارمىسا، يا ئىششىمىسا چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇمۇ يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئادەتتە سەۋەبى بولمايلا چىش ئاغرىسا، يەنە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەيدىسى چىڭقىلىش، دېمى سىقىلىش، يۈرەك ئالدى رايونى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
3. دائىم يۆتىلىش
زۇكامدىن كېلىپ چىققان يۆتەلنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەگەر بىر ئادەم ئۇزاق مۇددەت ئۇخلىغاندا يۆتەلسە، يۈرەك، ئۆپكىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان-بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت يۆتىلىپ توختىمىسا، بەلكىم« يۈرەك مەنبەلىك يۆتەل» گە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل كېسەللىك يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى.
4. بىلەك ئۇيۇشۇش
بىلەك نېرۋىسى يۈرەك بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۇ يۈرەك بىلەن بىر گەۋدە. ئەگەر يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە، سول قولدا ئاساسلىق ئىپادىسى كۆرىلىدۇ. ئادەتتە سول قول دائىم تېلىپ ئاغرىش، ئۇيۇشۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ كەچتە ئۇخلىغاندا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
يۈرىكىڭىز ياخشى بولمىغانلار، تۆۋەندىكى ئۈچ «قىزىل»نى كۆپ يەڭ.
1. پەمىدۇر
پەمىدۇر كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قان تومۇرلارنى قوغداش رولى بار.
تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى، سەكتە بىمارلىرى ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر يەپ بەرسە ياكى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قان تومۇرنى ئاسراشقا پايدىلىق.
چەت ئەللەردىكى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، پەمىدۇر ئۇرۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى سېرىق شىرنىدىن P 3 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا ئاجرىلىپ چىقىدىكەن، بۇ خىل ماددا قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىغا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، مېڭە قان نوكچىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ۋە سەكتە بولغان بىمارلار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر يەپ بەرسە ياكى سىقىپ شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە، قان تومۇرنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
2-تىبەت زاراڭزىسى
تىبەت زاراڭزىسى قان تومۇردىكى زەھەرنى پارچىلايدۇ، ئۇنىڭ يۈرەك زەھىرىنىڭ توپلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە ناھايىتى كۈچلۈك پەسەيتىش ئۈنۈمى بار.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا چايغا ئازراق تىبەت زاراڭزىسى سېلىپ ئىستىمال قىلسا ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرىنەرلىك بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۈرەك ئەتراپىدىكى ئەخلەتلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
3. چىلان
چىلان تەبىئىتى تاتلىق، مۆتىدىل بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ تارىيىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قاننىڭ ئوكسىگېن توشۇش مىقدارىنى يۇقۇرلۇتۇپ، يۈرەكنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپ، يۈرەك قان ئايلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇندايدۇ.
يۈرەكتە مەسىلە بارلار تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا يۈرەك تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ!
1. قارا ئاشلىق يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
قارا ئاشلىق تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ۋە B تۈردىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى مول-
بەدەننىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى«ناچار» خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندىكى«ياخشى» خولېستېرولنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەپ، مەلۇم دەرىجىدە يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
يېمەكلىك مەنبەسى: تاتلىق ياڭيۇ، كۆممىقوناق، سۇلۇ، قارا بۇغداي قاتارلىقلار.
2. قېرىماس بۆلجۈرگەن چېيى (不老莓茶)
قېرىماس بۆلجۈرگەننىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن ماددىسى مول بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارى ھەتتا ئەينۇلادىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىنىڭ ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىيانىدىن قوبۇل قىلىنسا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى، يەنە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرى بۆلجۈرگەننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى ياخشى بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ ھەمدە قان تومۇرلارنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى ۋە ياللۇغنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەيدۇ.
قېرىماس بۆلجۈرگەن چېيىنى ئادەتتە دەملەپ ئىچسە، ياشانغانلاردىكى ئائورتا ۋە تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
3. كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇپ، خوشال روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.
كونىلاردا:«بىر قېتىم كۈلسەڭ، ئون يىل ياشىرىسەن» دەيدىغان گەپ بار.
دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش بەدەنگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يۈرەككىمۇ پايدىلىق.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۈمىدسىز يۈرىدىغان، كەيپىياتى چۈشكىن يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئۈمىدۋار، كەيپىياتى ياخشى، خوشال روھىي ھالەتنى ساقلايدىغان بىمارلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا ياخشى كەيپىيات بارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
4. ئىككى پەللىنى دائىم ئۇرۇپ تۇرۇش.
①توڭلى پەللىسى:
توڭلى پەللىسىنى دائىم ئۇرۇپ تۇرغاندا يۈرەك ئاغرىقىدىن بولغان ھارغىنلىقنى ياخشىلايدۇ.
ئۇ كىچىك بارماقنىڭ بىر تەرىپىدىكى بېغىشنىڭ توغرا سىزىقچىسىدىن يۇقىرىغا ئىككى سانتىمىتىر ئورۇندا.
ھېرىپ-چارچىغان چاغدا، ئالقاننى يۇقىرىغا قارىتىپ سوزۇپ، يەنە بىر قول بىلەن بۇ پەللىنى 36 قېتىم ئۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندا چوڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرغىلى، نېرۋىنى تىنچلاندۇرغىلى بولىدۇ.
②بىلەكنىڭ يۇقۇرقى ئىچكى تەرىپى:
يۈرەكنى كۈچەيتىش رولى بار. سول بىلەكنى سوزۇپ، ئوڭ قول بىلەن سول بىلىكىنىڭ ئىچكى يۇقۇرى تەرىپىنى بەش مىنۇت ئۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ؛ يەنە بىر قولنىمۇ شۇ ئۇسۇلدا ئالماشتۇرۇپ، يۇقارقىدەك تەكرارلىندۇ.
ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، يۈرەك سىقىلىشنى تەڭشەپ، ئۇيقۇسىزلىق، ماغدۇرسىزلىقنى پەسەيتىپ، يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容
161
粉丝
0
关注
在线咨询
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读
28
粉丝
0
内容
161