大数跨境

قەدىرلىگەننى قەدىرلە

قەدىرلىگەننى قەدىرلە Qux Tori
2025-09-21
3

图片

قەدىرلىگەننى قەدىرلە

01

سىزگە تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يېزىپ ياكى توردا ھال - ئەھۋالىڭىزنى سورىغانلارنى قەدىرلەڭ. ھازىر بىرەر ئىشى بولمىسا بىرى يەنە بىرىنى ئىزدەپمۇ قويمايدىغان كۈنلەردە يەنە سىزنى ئەسكە ئېلىپ، ئىشى بولمىسىمۇ ھال سوراپ سىزنى ئىزدەيدىغانلاردىن قانچىسى بار دەيسىز.

图片

02

ھەر قېتىم كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان، ئازابلانغان ۋاقتىڭىزدا سىزگە تەسەللىي بەرگەن، بولۇپمۇ يېنىڭىزدا دەردىڭىزگە دەرمان بولغانلارنى قەدىرلەڭ. تۇرمۇش ئاچچىق بولسىمۇ چىداپ ياشايدىغان گەپ. دەل مۇشۇنداق سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بولغاچقىلا سىزنىڭ بۈگىنىڭىز بولغان.

图片

03

دائىم سىزنى كۈلدۈرىدىغان، چاقچاق قىلىپ كۆڭلىڭىزنى كۆتۈرۈپ قويىدىغانلارنى قەدىرلەڭ. بۇ شۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىدە سىزنىڭ بەلگىلىك ئورنىڭىز بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

图片

04

كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا بايقاپ قالغان، سىزنى ھەقىقىي چۈشەنگەن، سىزنى ھەقىقىي سۆيگەن كىشىلەرنى قەدىرلەڭ. ئادەتتە سىزگە جىق گەپ قىلىپ، كوتۇلدىغان بىلەن كۆڭلىڭىز يېرىم ۋاقىتتا بايقاپ، سىزگە تەسەللىي بېرىدىغىنى دەل شۇلار.

图片

05

كۈندە سىزنى ياد ئېتىپ، ئەسلەپ، ئىشلىرىڭىز جايىدىمۇ، ساق - سالامەتمۇ سىز دەپ تۇرغانلارنى قەدىرلەڭ. ئۇلارنىڭ سىزنى ئىزدىشى قانداقتۇر سىزگە ھاجىتى چۈشۈپ ئەمەس، سىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنگىنىدۇر.

图片

06

دائىم سىزگە يادەم بېرىدىغان، ياردەم سورىسىڭىز قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلارنى قەدىرلەڭ، بۇنداق كىشىلەر ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ. كۈلكىڭىزگە، خۇشاللىقىڭىزغا جۈر بولىدىغانلار كۆپ بولغان بىلەن، بېشىڭىزغا كۈن چۈشسە قولىنى سۇنىدىغانلار ساناقلىق.

图片

07

سىزنى ئاسرايدىغان، سىزنى قوغدايدىغانلارنى قەدىرلەڭ. ئىسسىق - سوغۇقلاردا، قىيىن كۈنلەردە يېنىڭىزدا سىزگە ھەمدەم بولغان دوستلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ. دوستنىڭ دوستلىقى بېشىغا كۈن چۈشكەندە بىلىنىدۇ ئەمەسمۇ.

图片

08

ئانچە نەزىرىڭىزگە ئىلىنمايدىغان، لېكىن ۋاقتى كەلسە مۇھىملىقىنى ھېس قىلىدىغان مەھەللە - كويدىكىلەرنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ. ئەلدىن ئايرىلغان يامان دەيدىغان گەپ بار.

图片

09

ئاتا - ئانىڭىزنى قەدىرلەڭ. كىچىكىڭىزدىن ئېغىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ سىزنى قاتارغا قوشقان ئاتا - ئانىڭىزنى يالغۇز قويماي يوقلاپ تۇرۇڭ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ. كېيىن بىر يوقلاپ بارايچۇ، پالانى ئىشىم تۈگىگەندە ئەكىلىپ ئۆزۈم بېقىۋالاي دەيسىزيۇ، ۋاقتى كەلسە كېچىككەن بولىسىز.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161