大数跨境

چۈشىدە ماشىنىغا خاتا ئولتۇرۇپ قېلىش

چۈشىدە ماشىنىغا خاتا ئولتۇرۇپ قېلىش Qux Tori
2026-04-07
4

图片چۈشىڭىزدە ماشىنىغا خاتا ئولتۇرۇپ قالسىڭىز، سىزنىڭ نىشانىڭىزدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز ئەڭ ياخشىسى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاندىن توغرا ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك. چۈشنى ئەسلەپ، شەخسىي تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ بېقىڭ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ قايسى تەرىپى توغرا يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتسە، ئۇنى تۈزىتىڭ. ماشىنىغا خاتا چىقىۋېلىشمۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ  كىشىلىك تۇرمۇش پىلانىڭىزغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ياكى سىزنىڭ يالغۇزلۇققا چىدىيالماي ئالدىراپ - تېنەپ قارار قىلغان ھېسسىيات ھەمراھىڭىزغا يوشۇرۇن ئوخشىتىدۇ. لېكىن بۇلار سىزنىڭ ھەقىقىي ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، چۈشتىكى يەككە «ھارۋا» نىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىگە سىمۋول قىلىنغان. ماشىنىنىڭ ماركىسى ۋە ئەھۋالى ئۆزىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىگە سىمۋول قىلىنغان، ئۇ بارىدىغان يۆنىلىش سىزنىڭ تۇرمۇش يولىڭىزنىڭ يۆنىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ رولنى ياخشى ئىگىلىيەلمەسلىك ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىقنى بىلدۈرىدۇ چۈشىدە ئاپتوموبىل چىرىغى ياكى ئەينەك چوتكىسىدىن چاتاق چىقسا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈشىدە ماينى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن زېھنىي كۈچى كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە يەنە سىزنىڭ ئالدىنقى كۈندىكى ھەرىكىتىڭىز بىلەن ماس كېلىدۇ، مەسىلەن، بىر ئەر چۈشىدە ئۆزىنىڭ بالىسىنى قارا رەڭلىك پىكاپ سوقۇۋېتىپ چۈش كۆرىدۇ، ئۇ ئالدىنقى كۈنى بالىسىنى ئەدەپلەپ قويغان. «قارا رەڭلىك پىكاپ» خاپا بولغان چاغدىكى ئۇنىڭغا سىمۋول قىلىنغان، «سوقۇلۇش» ساۋاققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

«ماشىنىغا چىقىۋېلىش» سىزنىڭ پاسسىپ، يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىڭىزغا سىمۋول قىلىنغان.

ماشىنىغا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆزى ماشىنا ھەيدەشنىڭ پەرقى بار، ئەگەر سىز شوپۇر بولسىڭىز، سىزنىڭ بىر قەدەر مۇستەقىل ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەگەر سىز يولۇچى بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ ماشىنىنى قەيەرگە ھەيدەپ بېرىش ۋە قايسى يولدا مېڭىشنى قارار قىلىش ھوقۇقىڭىزنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ يەرگە كەلگەندە، «خاتا ماشىنىغا چىقىۋېلىش» نىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ مەنىسى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ، سىز ياكى يېنىڭىزدىكى بىرەرسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چۈش كۆرگەن بولسا، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ. خاتا قىلغان پېتى كېتىۋەرسىڭىز، بەلكىم سزنى كەينىگە ياندۇرالىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ خىل چۈش قەلبنىڭ سىزگە بەرگەن «خاتالىق» نى بىلىش كۆرسەتمىسى.

«ماشىنىغا خاتا چىقىۋېلىش»  ۋاقىت ئۇچۇرى، مەسىلەن سىزنىڭ چۈشىڭىزدىكى يېشىڭىز، سىز قايسى ۋاقىتتا بىر جايغا يېتىپ بېرىشىڭىز كېرەك، ماشىنا سائەت قانچىدە كېلىدۇ، دېگەندەك، ئۇ سىزنىڭ رېئاللىقتىكى «ماشىنىغا خاتا چىقىۋالغان» ۋاقتىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئورۇن ( مۇھىت ) ئۇچۇرى، مەسىلەن، سىز قايسى ئورۇندا ماشىنىغا خاتا چىقىپ قالغان، ئورنى مەكتەپ، ئىلگىرى ياشىغان شەھەر، يېزا، ناتونۇش مۇھىت قاتارلىقلار. بۇ ئۇچۇرلار سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ماشىنىغا چىقىدىغان جاي سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھازىرقى ھالەتكە سىمۋول قىلىنغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ئادەم ئۇچۇرى، ماشىنىدىكى ئادەم ۋە ماشىنىدىكى ئادەمنىڭ قانداق  ئالاھىدىلىكى بار؛ ئۇلار سزنىڭ كەيپىياتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ مەسىلەن جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، يېڭىلىق قاتارلىقلار. يەنە كىم ماشىنا ھەيدەۋاتىدۇ ياكى ماشىنا كىمگە تەۋە، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز قانداق، مەسىلەن، يېقىن، سوغۇق، ئاددىي دېگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىز ياكى كىشىلىك ئالاقىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە سىزنىڭ بۇ يەردىكى روھىي ھالىتىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.

ۋەقە ئۇچۇرى، سىز نېمە ئىش قىلغىلى بارىسىز ياكى ماشىنىغا چىقىشنىڭ ئالدى - كەينىدە نېمە ئىش يۈز بەردى، سىزدە قانداق ھەرىكەت ياكى پىسخىكىلىق پائالىيەت بار. ئۇ سىزنىڭ ‹ ‹ ماشىنىغا خاتا ئولتۇرۇپ قېلىش › › نىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەرىكەت ئەندىزىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز ئانچە ئېنىق ئەسلىيەلمىسىڭىز ياكى چۈشىڭىزدە بەزى ئۇچۇرلار كەم بولسىمۇ ھېچقىسى يوق، قانچىلىك ئويلىسىڭىز شۇنچىلىك ھېساب، تەھلىل قىلىپ چىقالايدىغىنى دەل سىزنىڭ بىلىدىغان خاتالىقىڭىزدۇر.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161