ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئۆسۈملۈكنى تونىۋېلىڭ
سۇ ھاياتلىق مەنبەسى، ئىنسانلار سۇدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدۇ. ئادەم ئۈچ كۈن تاماق يېمىسە چىدايدۇ، ئەمما سۇ ئىچمىسە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش تەس. ئۆسۈملۈكلەرمۇ سۇسىز ياشىيالمايدۇ. ئەمما، تەبىئەت ئانا مۆجىزىلەرگە تولغان. تۆۋەندە دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئۆسۈملۈك ۋىلۋىچىيە دەرىخى تونۇشتۇرۇلدى.
ۋىلۋىچىيە دەرىخى دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ. ئۇنىڭ ئىككى تاللا يوپۇرمىقى بار بولۇپ، ئۈزۈكسىز ئۆسۈپ پانتازىيەلىك رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن يالى چېچىلىپ تۇرغان تاشقى پىلانىتا ئۆسۈملۈكلىرىدەك ھالەتكە كېلىدۇ، غولىنىڭ يوغىناش سۈرئىتى بويىنىڭ ئېگىزلىشىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، كەڭلىكى سەككىز مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇلار نورمال دەرەخلەرگە ئوخشاش گۈل چېكى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، چېچەكلەپ مىۋە تۇتقاندىن كېيىن ئۇرۇقى شامال تەسىرىدە قۇملۇققا چېچىلىدۇ.
ۋىلۋىچىيە دەرىخى 400 ~1500 يىلغىچە ئۆمۈر كۆرىدۇ، بەش يىل ئىچىدە بىرەر تېمىم سۇ كۆرمىسىمۇ ئۆسىۋېرىدۇ، قۇملۇقنىڭ ئىنتايىن ناچار مۇھىت شارائىتىدىمۇ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ خىل دەرەخنى خام پېتى ياكى كاۋاپ قىلىپ يېسە بەك يېيىشلىك بولىدىكەن.
يەر يۈزى ۋە ھاۋادىكى سۇنى ئەڭ زور چەكتە سۈمۈرىۋېلىش ئۈچۈن ۋىلۋىچىيە دەرىخى پەقەت ئىككى تاللا يوپۇرماق چىقىرىدۇ ھەمدە ئۈزۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەڭ چوڭ غول يىلتىزىنىڭ كەڭلىكى بىر مېتىرغا يېتىدۇ، غولى پاكار بولغاچقا يەر يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك ئۆرلەپ كەتسىمۇ يىلتىز سىستېمىسى كۆيۈپ كەتمەيدۇ ۋە ئۈزۈكسىز سۇ سۈمۈرىدۇ.
ۋىلۋىچىيە دەرىخى قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىمۇ، ئۇرۇقلىرى كېچە–كۈندۈزلۈك تېمپىراتۇرا پەرقىنىڭ قاتتىق سىنىقىغا دۇچ كېلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامان قالىدىغان ئۇرۇقلارنىڭ نىسبىتى يۈز مىڭدىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ، دېمەك ھايات قېلىش–قالالماسلىقى پۈتۈنلەي تەلەيگە باغلىق.



