大数跨境

چۈشىدە ئادەم ئۇرۇش

چۈشىدە ئادەم ئۇرۇش Qux Tori
2026-04-20
2

图片چۈشىدە سۆيگىنىنىڭ تاياق يېگەنلىكى، ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

چۈشىڭىزدە باشقىلارنى ئادەم ئۇرۇشقا كۈشكۈرتسىڭىز،تاياق يېگەن ئادەم سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىز بولۇشى مۇمكىن.

بىمار چۈشىدە ئادەم ئۇرسا، ئۇنىڭ كېسىلى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈشىدە باشقىلارنى ئۇرسا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىدە تاياق يەپ، ئاخىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇنىڭ بارلىق ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ۋە بالايىئاپەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن، ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىدىن  دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىڭىزدە ئۆزىڭىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بىر ئادەمدىن تاياق يېسىڭىز،بۇ سىزنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

چۈشىڭىزدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قالايمىقان جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز:ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا دىققەت قىلىش كېرەك، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.

چۈشىڭىزدە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئۇرۇشسىڭىز:كىشىلىك مۇناسىۋەتىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھەرقانداق ئادەم بىلەن يۈرەكلىك ھەم ئاكتىپ ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرمۇ سىزگە مۇقەررەر سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەرگىز توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0