大数跨境

يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە مىجەز-خاراكتىر

يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە مىجەز-خاراكتىر Qux Tori
2026-05-05
0
图片ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يۇلتۇز تۈركۈمىنى چۈشىنىش كېرەك. ئۆزىنىڭ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە 12 يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ قانداق كەمچىلىكلىرى بارلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. 
ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى 
1. ئاچچىقلىنىشقا ئامراق ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى 
ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمىدىكلەرنىڭ دائىم خاپىچىلىق ئىچىدىلا يۈردىغانلىقىنى بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىمۇ سېزەلىشى مۇمكىن، بىر ئېغىز ئادەتتىكى چاقچاق، بىر ئېغىز قىزىقچىلىق، ئۇنىڭ خاپا بولۇشىنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ، ئازراق ئىشلار ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئاچچىقلىنىش نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇلارنى بەكلا  يولسىزدەك  ھېس قىلدۇرىدۇ.

سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى 
2. ئىغىر سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى 

سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ مىجەزىنىڭ ئىغىرلىقىغا نورغۇن كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە ۋاقىتتىكى بۇرۇقتۇرمىلىق تۇيغۇسى ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ، بىللە پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى تەس ، ھەتتا ئۇرۇشسىڭىزمۇ بەلكىم ياخشى ئۇرۇشالماسلىقىڭىز مومكىن ، ئىچىڭىزدە ئەلەم بولىسمۇ چىقىرالمايسىز، ئاچچىقىڭىزدا قان قۇسۇپ، ئىچىڭىز تىتىلدايدۇ!  ئەڭ چوڭ ئازاب شۇكى، سىز ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرسىڭىزمۇ سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ئۇلار پۈتۈنلەي  نەزەردىن ساقىت قىلدۇ؟ 

图片
جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى 
3. ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى 
جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ  قىزىقىشىنىڭ چىكى يوق، ئالەمدە باركى ئىشلارغا قىزىقىپ باقىدۇ. بىرەر ئىشتا ئازراق شەپە بولسىلا، بىرىنچى بولۇپ  ئاتلىنىدۇ، ھەتتا باشقىلارنىڭ شەخشي ئىشلىرىمۇ سوراپ تېگى-تەكتىنى كوچىلاپ سوراپ باقىدۇ، بۇنداق قىزىقىشنى كىممۇ قوبۇل قىلالىسۇن! 

图片
سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى 
4. كۆز يېشى يامغۇردىنمۇ كۆپ سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى 
سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ياش تۆكۈلۈش قېتىم سانى بىر يىلدىكى يامغۇر قېتىم سانىدىن كۆپ بولىدۇ. ئۇلارغا نەدىن كەلگەن شۇنچە كۆپ ئازاب؟ يىغلاش ئۇلارنىڭ ۋىۋىسكسى بولۇپ قالدى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتقانلىقىنى كۆرسە يىغلايدۇ، كىمنىڭ ئىش ئىزلىرى تەسىرلەندۈرسە يەنە يىغلايسىز، مائاشى ئۆسسىمۇ  يىغلايدۇ، ئاغرىنىش ئازابىغا ئۇچرىسا تېخىمۇ يىغلايسىز … يىغلاش ئۇلارنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلى ۋە تىلىغا ئايلىنىپ قالغان. 

图片
ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى 
5. مەغرۇر ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى 
ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسىلا ئۆزىنى ئەڭ كېلىشكەن، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغان، رەھبەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەڭ سازاۋەر بولىدىغان، ھەممە نەرسە  ئۆزىنى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىڭىزنى دەۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزىدا سىپايىلىك دىگەن نەرسە بولمايدۇ، ئۇدۇل كېلىپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ تاشلايدۇ ! باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىغا ئەزەلدىن پىسەنت قىلمايدۇ، بۇ دەل بىزنىڭ ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىمىزدۈر. 

图片
سۇمبۇلە يۇلتۇر تۈركۈمى
6. نېرۋا كېسەللىرىگە ئوخشاش سۇمبۇلە  يۇلتۇز تۈركۈمى 
سۇمبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىدىكلەر شەيئىلەرگە قارىتا جاھىللىق بار، ھەر قانداق ئىشنىڭ جەريانىغا قارايدۇ. نەتىجىسگە تىخىمۇ قارايدۇ.  ئادەتتىكى بىر ئىشقا ھەمىشە بەك كۆپ دىققەت قىلىدۇ، ئېنىق بولغان ئىشنى يەنە بىر قېتىم قىلۋەتسە ئاندىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ. 

图片
مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى 
7. ئەزمە مىزان  يۇلتۇز تۈركۈمى 
ئەزمىلىك ۋە سۆرەلمىلىككە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھىچ نەرسە يوق.  مەكتەپكە كېچىكىپ قىلىش، ئىشقا كېچىكىپ قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئىيىتقاندا ئادەتتىكىچە ئىش بولۇپ قالغان ! ئۇلار ئۈچۈن جىق گەپ قىلىش ئەپسىز ... 

图片
ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى 
8. ئىگىلىۋېلىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى 
ئۆزىنىڭ بولسا  ئۆزىنىڭ، باشقىلارنىڭ بولىسمۇ ئۆزىنىڭ، ئۆزىنىڭكىگە چوقۇم ئېرىشىش، باشقىلارنىڭكىگە ئامال قىلىپ ئېرىشىش! بۇ دەل ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى، ئىگىلىۋېلىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك! ھېسسىيات جەھەتتە ئىنتايىن شەخسىيەتچى، ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى ئىنتايىن كۈچلۈك! ئۇلارنىڭ ھەرگىز چىشىمغا تەگمەڭ، چىشىغا تەگسىڭىزلا تۈگشسىز. 

图片
مەرگەن يۇلتۇزلار تۈركۈمى
9. چوڭ بولمايدىغان يەنىلا  سۈت ئىچىدىغان مەرگەن يۇلتۇز تۈركۈمى 
مەرگەن يۇلتۇز تۈركۈمىدىكلەر مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بالىغا ئوخشايدۇ، ئەركىلەيدۇ، ئۆز بېشىمچىلىق ئۇلارنىڭ بەلگىسىگە  ئايلىنىپ قالغان، مەيلى سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز قانداق بولسۇن، ئاۋۋال ئۇنى بەزلەڭ! ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويسىڭىز، شەيتانلىق قىلسىڭىزلا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ! 

图片
جەدى يولتۇرلار تۈركۈمى
10.جاھىل جەدى يۇلتۇرلار تۈركۈمى
ئۇلارنىڭ جاھىللىقى خوتەنلىككە ئوخشايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى خوتەنلىككە ئوخشىتىپ باشقا يەرلىككە ئوخشاتمايمىز؟ چۈنكى«سىز خوتەنلىكتەك نىمانداق جاھىل»دەيدىغان گەپ بار ، گەرچە بۇ چاقچاق بولسىمۇ، ئەمما ئاغرىق ھەقىقەتنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. ئىشقا بولغان جاھىللىق ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلىدۇ. 

图片
سوغا يۇلتۇرلار تۈركۈمى
11. ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان سوغا يۇلتۇز تۈركۈمى 
سوغا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش دەرىجىسى تەڭداشسىز بولۇپ، بونىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. مەيلى ئۆزىنىڭ يەيدىغان، ئوينايدىغان، كىيىدىغان، ئىشلىتىدىغان بولسۇن، ھەممىسىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئەڭ گۈزەل دەپ قارايدۇ..... 

图片
ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى 
12. خىيالىي تالانت ئىگىسى ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى 
ئەگەر سىزنىڭ بىر ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى قىز دوستىڭىز بولسا، سىز  فانتازىيەلىك ھېكايە ۋە كىنولارنى كۆرمىسىڭزمۇ بولىدۇ. بالىلار چۆچەكلىرىنى ئوقۇمايسىز! سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان ھەممىنى قىز دوستىڭىز سىزگە ھەممىنى بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ خىيال دەرىجىسى پۈتۈنلەي بىر قامۇس، قولىدىن ھەممە ئىش كىلىدۇ، ئويلىمايدىغان يېرى يوق. 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 0
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读0
粉丝0
内容0