چۈشىدە سۆيگىنىنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلىشى چۈش كۆرگۈچىنىڭ مۇھەببەتكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئېرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،
لېكىن چۈش كۆرگۈچىگە ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كەسىپچانلىقى بارلىقىنى، چۈش كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرىگە ئىشىنىشى، ئېرىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىمىز.
چۈشىدە خوتۇنىنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلغانلىقىنى كۆرسە. بۇ سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ئىشەنمەسلىك پىسخىكىڭىزنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ سىزنىڭ ئايالىڭىزدىن خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشىدە ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلغانلىقىنى كۆرسە، رېئاللىقتا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتقا نىسبەتەن گاڭگىراپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن توي قىلغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ھەر خىل مەسىلىلەرنى بىردىنلا قوبۇل قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ئويلىۋالماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر توي قىلىش كىشىلىك ھاياتنىڭ قەبرىسىگە قەدەم قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ دىيىشىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن توي قىلىدۇ؟ چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر تويدىن كېيىن ناھايىتى بەختلىك بولىدۇ، توي قىلىش يېڭى تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشى، بەختنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىراق ئىككى ئادەم بىر - بىرىنى چۈشىنىشى، بىر - بىرىگە ئىشىنىشى، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشى ئالدىنقى شەرت.
چۈشىدە بۇرۇنقى ئاشىقى بىلەن توي قىلىش چۈش كۆرگۈچىنىڭ بەزىدە كۆڭلىدە ئېرى بىلەن بۇرۇنقى ئاشىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆتمۈشنى يەنىلا ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن سېغىنىش يەنىلا سېغىنىش، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆتمۈشكە بولغان گۈزەل ئەسلىمىلىرى بولىدۇ، قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قويسىمۇ ھېچقىسى يوق، چۈنكى ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتسە، قايتا ئىرىشكىلى بولمايدۇ شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئۆتمۈش ھامان ئۆتمۈش.
چۈش مىسالى: ئېرىم بىلەن ئىككىمىز بۇ يىل توي قىلغىلى ئۇزۇن بولمىدى، تۈنۈگۈن كەچتە چۈشۈمدە ئۇنىڭ باشقا ئايال بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ بەك قاملاشمىغان ئىش بولدى، بۇ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
چۈش يىشىمى : بۇ چۈش سىزنىڭ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزدىن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ يېنىدا نۇرغۇن قىز دوستلىرى بار بولۇپ، سىزنى ئەنسىرىتىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.


