大数跨境

ئاياللار كۆك لازىنى مۇنداق يىسە بارغانسىرى ياشىرىپ كىتىدۇ

ئاياللار كۆك لازىنى مۇنداق يىسە بارغانسىرى ياشىرىپ كىتىدۇ Qux Tori
2025-11-05
1
نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىق يىيىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، بولۇپمۇ ئاياللار ئاچچىقنى ئاز يىيىشى كېرەك دەيدۇ، بىراق كىشلەر دىگەن ئاچچىق ھەرگىزمۇ كۆكمۇچنى كۆرسەتمەيدۇ، مۇچنى كۆپ يېيىش ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىلىق.

图片

كۆكمۇچنىڭ ئاياللارغا بولغان پايدىلىق رولى ھەقىقەتەن كۆپ، بىراق بۇ پايدىلىق رولىنى كۆپ قىسىم كىشلەر بىلمەيدۇ، ھەتتا ئەتراپىمىزدا كۆكمۇچ يىمەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، تۆۋەندە كۆكمۇچنىڭ ئاياللارغا بولغان پايدىلىق رولىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئاياللار دائىم مۇچ يەپ بەرسە، سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟

图片

01

قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش

كۆكمۇچ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك سېللۇلوزا بار، ئۇ ۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا، بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىۋېتىشنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنى تۈگىتىپ، ئۈچەي يولى باكتېرىيەسىنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ئاياللار كۆكمۇچنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەلكىم قەۋزىيىتىڭىزگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

图片

02

قېرىشقا قارشى تۇرۇش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش

كۆكمۇچ تەركىبىدە سۇلفىدلار بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. كۆك مۇچنى دائىم يەپ بەرگەندە بىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

图片

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكمۇچ تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، ئاياللارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ناھايىتى ياخشى بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ، ئاياللارنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

图片

03

ئورۇقلاش

كۆكمۇچ ئاياللارنىڭ ئورۇقلىشىغا، قورساقنى كىچىكلىتىشكە ياردەم بىرىدۇ.

كۆكمۇچ بەدىنىمىزدىكى سۇنىڭ ماددا ئالمىشىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆكمۇچ تەركىبىدىكى سېلليۇلوزىلارمۇ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىدۇ، بۇ قەۋزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاياللارنىڭ ئورۇقلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، چوڭ قورساقنىڭ كىچىكلىشىگە ياردەم بىرىدۇ.

图片

04

بەدەندىكى ۋىتامىن C نى تولۇقلاش

كۆكمۇچنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بار. ۋىتامىن "C" نىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ئۇ بىزنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشىمىزگە ياردەم بەرگەندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

图片

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر. تۇرمۇشتا ئاياللار كۆكمۇچنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ۋىتامىن C ئىنتايىن تېز تولۇقلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ۋىتامىن C كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

图片

كۆكمۇچنىڭ پايدىلىق تەرىپى ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، تۇرمۇشتا، ئاياللار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، بەلكىم بەدەن يۇقىرىقى تۆت چوڭ پايدىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن. ئۇزاق ۋاقىت مۇۋاپىق يىيىشنى داۋاملاشتۇرسا سالامەتلىكىڭىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

图片

يەنە شۇنىڭغا دېققەت قىلىش كىرەككى، كۆكمۇچنى ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇش، دىھقانچىلىق دورىللىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرۋىتىش كېرەك.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161