40 ياش ۋاقتىڭىزدا 10 ياش ۋاقتىڭىزدىكى ئالالمىغان ئويۇنچۇقنى ئالسىڭىز، 20 ياش ۋاقتىڭىزدىكى تۇنجى مۇھەببىتىڭىزنى ئىزدىسىڭىز، 30 ياش ۋاقتىڭىزدا قىلالمىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز، بۇلارنىڭكى 40 ياشلىق سىزگە نىسبەتەن نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بەزەن خۇشاللىقلار، بەزەن ھېسسىياتلار ئاشۇ نەق ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتسە كېيىن ئۇ خىل تۇيغىنى قايتا ھېس قىلىش بەك تەس.
بىز ھەمىشە كېيىن پۇرسەت كۆپ دەپ ئويلايمىز، ئەمما ھاياتىمىزدا ئىزچىل ئېلىش ئەمىلى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بەزى ئىشلار بىر قېتىم قولدىن بېرىپ قويۇلسا، كېيىنكى قېتىم راستتىنلا قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئادەم قېرىغاندا ئاندىن بەخت ۋە خۇشاللىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىزچىل يېنىدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.
20 يېشىڭىزدا بۆسۈشكە، سۆيۈشكە جۈرئەت قىلىڭ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقماڭ؛ 30 يېشىڭىزدا مىجەزىڭىزنى يىغىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ؛ 40 ياشتىن ئاشقاندا سىزگە ھەمراھ بولۇپ جاپا تارتقان ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئادەم ھەربىر ياشتا ئۆز ھالىتىدە ياشاش كېرەك.
تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى ئەتە نامەلۇم، پەقەت بۈگۈنلا ھەقىقىي سوۋغات. دۇنيادا نەدىمۇ مەڭگۈ بىزگە تەۋە نەرسە بولسۇن؟ ھەممە ئىش ۋاقىتلىق، دائىم كېيىنكىنى ساقلىماڭ، بۈگۈننى ئېنىق ئۆتكۈزۈش ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەتتۇر.


