شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى قىش پەسلىگە قەدەم قويىدۇ
ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدىن 11-ئاينىڭ7-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىى ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن. ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن.
ھۆل-يېغىنغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 9 بالدىن 10 بالغىچە، بوران كۈچى 11 بالغا يېتىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ ـ توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ۋە قۇمۇل شەھىرىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8~10 سىلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا 5~8 سىلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.
来源:974交通广播
翻译:再依努热
编辑:帕夏古丽
一审: 阿依古丽.肉孜
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江


