سىزگە دېسەم، بىزنىڭ ئادەتتىكى كىيىنىشىمىز، ياسىنىشىمىز باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان تۇنجى تەسىرىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. «سىز قانچە رەتسىز كىيىنسىڭىز، كىشىلەر سىزنىڭ كىيىنىشىڭىزگە شۇنچە دىققەت قىلىدۇ»، ئەمەلىيەتتە كىيىم-كېچەك ئۇنچە ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم پاكىز، رەتلىك بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئاندىن سىزگە ھەقىقىي دىققەت قىلىدۇ.


