ھەقىقىي ئۇلۇغ، قىممەتلىك نەرسىلەر ئاددىي ھەم بۈيۈك بولىدۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر ھەممە يەردە ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشنى، كىچىك مۇۋەپپىقىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەكسىچە يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر مەيلى قانچىلىك چوڭ مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشسۇن، ئۇلار ئىزچىل كەمتەر بولىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ لېكىن ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ، ئادەمنى بۈيۈك قىلىدىغىنى ھەرگىزمۇ كېلىپ چىقىشى ۋە ياكى ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى كەمتەر ھالىتى ۋە كەڭ قورساقلىقىدۇر. ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ نەرسىلەرنى كۆز-كۆز قىلماڭ، قارىماققا يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشكەندەك قىلغىنىڭىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى چۈشۈرۋالىسىز.


