大数跨境

كەچلىك تامىقىڭىز ئۆمرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

كەچلىك تامىقىڭىز ئۆمرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ Qux Tori
2025-12-08
0

图片كەچلىك تامىقىڭىز ئۆمرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، بۇ بەش خىل كەچلىك تاماق جاننى ئالىدۇ 

 بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تامىقى ئىچىدە كەچلىك تامىقى ئەڭ مول ھەم رەڭگارەڭ بولىدۇ: بەزىلەر گۆشنى ئاساس قىلىپ زىيادە كۆپ يېسە، بەزىلەر ئۇماچ بىلەنلا قورسىقىنى ئەستەرلەيدۇ، يەنە بەزىلەر پەقەتلا يېمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچلىك تاماق ۋاقتى كەچقۇرۇن سائەت 5، 6 دىن تاكى سەھەر سائەت 1، 2 گىچە بولىدۇ. رەڭدار بولۇپ كەتسە نۇقسان كۆپ بولىدۇ، لېكىن ئۆسمە ۋە ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، تۆۋەندىكى بەش خىل كەچلىك تاماقنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ھەتتا زەھەر يېگەندىن قېلىشمايدۇ.

图片

ئادەمنى ئەڭ قىينايدىغان بەش خىل كەچلىك تاماق 

1. دائىم ئېشىپ قالغان كۆكتاتنى يېگەندە نىترىت كىسلاتا تۇزىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. 

نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى ئاشقازاندا ئامىن بىلەن بىرىكىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ئامىن نىترىتنى ھاسىل قىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئالىملار تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، چۈشتە ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ، ئالتە سائەتتىن كېيىن قىزدۇرغاندا، نىترىت كىسلاتا تۇزى مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى بايقىغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئوتياشنى قورۇغاندا %16، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان گۆشتە %70 ئاشقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ «يېمەكلىكتىكى بۇلغىما مىقدارى ئۆلچىمى» دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. 18 سائەت قۇيۇپ قويغاندىن كېيىن بارلىق قورۇمىلار تەركىبىدە نىترىت تۇزلىرىنىڭ مىقدارى دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. 

شۇڭا، تاماق ئەتكەندە ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدا يەپ بولۇش كېرەك، ئەگەر ئېشىپ قالسا، سوۋۇغاندىن كېيىن دەرھال توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ساقلىماي، بەش سائەت ئىچىدە يەۋېتىش كېرەك.

2. ھاراقنى كۆپ ئىچىش نېرۋىنى زەخىملەندۈرۈپ، جىگەر، ئاشقازاننى زەھەرلەيدۇ.

ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە نېرۋا سىستېمىسىنى يۇقىرى دەرىجىدە تورمۇزلايدۇ، ئېغىر بولغاندا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. پىۋىنىڭ قويۇقلۇقى ئاق ھاراقتىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشقازان دىۋارى مەزى بېزى ھورمۇنى E نى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئازايتىپ، ئاشقازانغا شىللىق پەردىسىگە قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئىششىق، ئىشتىھاسىزلىق، قورساق كۆپۈش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كەچلىك تاماقتا ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىك، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن 4~6سائەت بۇرۇن قەتئىي ئىچمەسلىك كېرەك. 

3. كەچلىك تاماق يېمىگەندە ئاشقازان ئاچ ھالەتتە، ئاسانلا نېرۋا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ چىقىرىلىش ۋاقتى تەخمىنەن 4 ~ 6 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاشقازان داۋاملىق ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا يېمەكلىك ئارقىلىق نېيتراللاشتۇرۇلمىسا، ئاشقازان كىسلاتاسى ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى چىرىتىدۇ. بولۇپمۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگۈچىلەر كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان بولغاچقا، كەچلىك تاماق يېمىسە نېرۋىلار ئىزچىل نورمال ئارام ئالالماي، ئەتىسىدىكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

4. زىيادە ئاچچىق نەرسىلەرنى يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى زەخىملەندۈرۈپ، ئۇيقۇنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.

مۇچ تەركىبىدىكى مۇچ ئىشقارى قاتارلىق غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددىلار ئادەمنىڭ تىل ئۇچىنى غىدىقلاش ئارقىلىق چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋىسى ۋە بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى نېرۋا ئۇچلىرىنى غىدىقلاپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش ۋە ئۇزاق ۋاقىت ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇخلىيالماسلىق ۋە ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

شۇڭا، كەچتە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتىرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار قەتئىي يېمەسلىكى كېرەك. 

5. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆشنى بەك كۆپ يەۋەتسە، راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

كەچلىك تاماقتا قىزىل ئۈچەي، كاۋاپ قاتارلىقلارغا ئوخشاش سۈرلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئوزۇقلۇق قىممىتى ياخشى بولمايلا قالماستىن، ھەزىم قىلىشقىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا كەچلىك تاماق يىغىلىشىدا كاۋاپتىن يىراق تۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى چىكىنىپ كەتكەن ياشانغانلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. ئىمكانقەدەر ھوردا پىشۇرۇش، دۈملەش قاتارلىق مايسىز، تۇزسىزراق پىشۇرۇپ يېيىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. 

ئۇنداقتا كەچتە قانداق غىزالانساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ 

1. ۋاقىت: يەنى 3 سائەت ئارىلىق قالدۇرۇش كېرەك. 

كەچلىك تاماقنى قايسى ۋاقىتتا يېسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ئاشقازان تاماقتىن كېيىن ئاز دېگەندە ئۈچ سائەت ئارام ئېلىشى كېرەك، يەنى ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئۇيقۇ ھالىتىدە ئاشقازاندىكى قالدۇق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، دە، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ. 

2. يېمەكلىك: ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە تىرىپتوفان مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك . 

مەسىلەن : تېرىق، دېڭىز يۈسۈنى (لامىنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى) قاتارلىقلاردا تىرىپتوفان مول بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئۇيقۇنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈت، تۇخۇم، ھايۋانات جىگىرى، بۇغداي، يېسسىۋېلەك قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. چۈنكى ۋىتامىن B تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. قىسقىسى بىر كىشىلىك مۇۋاپىق كەچلىك تاماقتا، بېلىق گۆشىنى ئاساس قىلىپ، زەمبۇرۇغ، توخۇ شورپىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۆشسىز قورۇما قاتارلىقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك. 

بۇلاردىن باشقا يەنە كەچتە ھەسەل سۈيى ئىچىش كېرەك. ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزا، ۋىتامىن، ماگنىي، فوسفور، كالتسىي قاتارلىقلار نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ، كېچىدە قان شېكىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئۇيقۇنى سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھەسەلدىن باشقا سۈتمۇ جىددىي كەيپىياتنى تۈگىتەلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان L تىرىپتوفان بولۇپ، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە تىنچلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. شۇڭا ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل قوشۇلغان سۈت ئىچسە، ئۇيقۇغا تېخىمۇ پايدىلىق.

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161