ئايرىدۇرۇمدىكى ئايرۇپىلان ساقلاش زالىدا بىر ئايال ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇراتتى. ئۇچۇش ۋاقتىغا تېخى خېلى ۋاقىت بولغاچقا، ئىچى پۇشۇپ كەتكەن ئايال، ۋاقىت ئۆتكۆزۈش ئۈچۈن بېرىپ بىر كىتاپ ۋە بىر كىچىك خالتىلىق ياڭيو قەلەمچىسى سېتىۋېلىپ، نېرىراقتىكى بىر بوش ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.

ئايال كىتاۋىنى قولىغا ئېلىپ تۇرىشىغا بىر ئادەم كېلىپ يېنىدا ئولتۇرۇپ قولىدىكى ژورنالنى ئېچىپ، ئوقۇشقا باشلىدى. ئايال كىتاۋىنى ئوقۇغاچ، يېنىغا قويۇپ قويغان ياڭيو قەلەمچىسىنىڭ قېپىنى يىرتىپ ئېچىپ، بىرىنچى ياڭيو قەلەمچىسىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى، يېنىدىكى ئادەممۇ بىر تالئېلىپ ئاغزىغا سالدى. ئۇ ئادەمنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئايال بىرقىسمىلا بولۇپ قالدى. ئايال ئىككىنجى ياڭيو قەلەمچىسىنى ئالدى. ئۇ ئادەممۇ يەنە بىر تال ئالدى. ئايال ئۆز-ئۆزىگە: «سەپەرگە چىقىپتىمەن، ئەگەر ئادەتتىكى ۋاقىت بولسا ئىدى، بۇ يۈزى قېلىن ئادەمنىڭ ئاغزىغا سالار ئىدىم» دەپ پىچىرلىدى. ئايال بىر تال ئالسا، ئارقىدىنلا ئۇ ئادەممۇ بىر تال ئالاتتى. ئايال ئاچچىغىدا تىترەپ كېتىۋاتاتتى. ئەمما سەپەر ئۈستىدە بولغاچقا جېدەل چىقارغۇسى كەلمىدى.

شۇنداق قىلىپ ئاخىرقى بىرتال ياڭيو قەلەمچىسى قالغاندا ئايال: «بۇ يۈزى قېلىن ئادەم ئەمدى قانداق قىلاركىن» دەپ ئويلىدى. ئۇ ئادەم ئاخىرقى ياڭيو قەلەمچىسىنى ئېلىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلۈپ بىر پارچىسىنى ئۇ ئايالغا بەردى. «ئاھ... » ئايال ئاچچىغىدا يېرىلىپ كېتەي دىگەن ئىدى.
قوپقىنىچە قوپۇپ تىزلىكتە مېڭىپ ئايرۇپىلانغا چىقتى ۋە ئۆزئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۆپكىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن كۆز ئەينىكىنى ئېلىش ئۈچۈن قول سومكىسىنى ئاچتى ۋە ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى. سېتىۋالغان ياڭيو قەلەمچىسى ئاغزى ئېچىلمىغان ھالدا سومكىسىدا تۇراتتى.

ئايال بەكمۇ نۇمۇس قىلدى. چۈنكى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئالغان ياڭيو قەلەمچىسىنى يېنىمغا قويدۇم دەپ سومكىسىغا سالغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ياڭيو قەلەمچىسىنى قىلچە ئاچچىقلانماستىن، قىزغانماستىن ئايال بىلەن تەڭ يىگەن ئىدى. ئايال بولسا ئۆزىنىڭكىنى باشقا بىر كىشى يەۋالدى، دەپ بەكمۇ ئاچچىغى كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. ئەپۇ سوراش ئىمكانىمۇ يوق ئىدى.


