大数跨境

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئەزەلدىن چۈش كۆرمەيدۇ؟

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئەزەلدىن چۈش كۆرمەيدۇ؟ Qux Tori
2025-12-08
1
图片كىشىلەر دائىم چۈش رېئاللىقنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى دېيىشىدۇ، چۈش بىر ئادەمنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەسىلەن، چۈشىدە ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىشى غەمخورلۇققا تەشنا ئىكەنلىكىنى، چۈشىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بېسىمنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

لېكىن راست گەپنى قىلغاندا، چۈشىدە كۆرۈنگەن شەيئىنىڭ قانداق ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار؟ نېمە ئۈچۈن بەزىلەر مەلۇم مەنزىرىنى چۈشىدە كۆرگەندەك ھېس قىلىدۇ؟ 

ئادەم نېمىشقا چۈش كۆرىدۇ؟

ھېچكىم بىلمەيدۇ图片

بۇ راست، ھازىرغىچە، مېڭە كېسەللىكلىرى ئالىملىرىمۇ زادى نېمە ئۈچۈنلىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېنىق يەكۈن چىقىرالمىدى. 


بىراق، ھازىرقى زامان مېڭە كېسەللىكلىرى ئالىملىرى چۈش كۆرۈشنىڭ سەۋەبى بەلكىم مۇنداق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان: 

چوڭ مېڭە كۈندۈزى پەيدا بولغان خاتىرىنى تازىلىغاندا پەيدا بولغان قوشۇمچە مەھسۇلات؛


ئۇيقۇدىكى تاسادىپىي مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەھمىيەتسىز نەتىجە؛ 


ئادەم ئۇخلاپ قالغاندا بەك زىرىكىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن كارتون فىلىم. 


بىراق، 1977-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بەزىدە بىزنىڭ چۈش كۆرۈشىمىزدىكى سەۋەب ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىز سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن. 

شۇنىڭ ئۈچۈن، چۈش كۆرۈشتە« جاراھەتنى داۋالاش» ، «خاتىرىلەرنى بېرىكتۈرۈش» ، « مۇلاھىزە قىلىشقا ياردەم بېرىش» ئىقتىدارى باردەك قىلىدۇ، لېكىن بۇنى« بىزنىڭ چۈش كۆرۈشىمىزدىكى سەۋەب» دەپ قارىساق ھەقىقەتەن ئاشۇرۋەتكەن بولىمىز. 


图片
نېمىشقا بەزى كىشىلەر ئەزەلدىن چۈش كۆرمەيدۇ؟

بىر پاكىت شۇكى، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن چۈش كۆرىدۇ. پەقەت بەزى كىشىلەر چۈش كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالغان، بەزى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بار خالاس. 

ئۇنداقتا كىشىلەر نېمىشقا دائىم ئۇ چۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؟ نۆۋەتتە ئۈچ خىل قاراش بار: 

بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر، قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن ھەرىكەت ئىقتىدارى ئوخشاشلا «ئۆچۈرۈلىدۇ» ، پەقەت ئويغىنىشقا ئاز قالغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ، ئاندىن «ئېسىدە قالغان» كۆرگەن چۈش بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. 

ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر، بىزنىڭ چۈشلىرىمىز خاتىرىمىزدە ساقلىنىدۇ، پەقەت ئادەتتە« ئېلىش» قا ئامال بولمايدۇ، پەقەت ئاندا-ساندا« ئۆزى ئىلگىرى كۆرگەن چۈشنى تۇيۇقسىز ئەسلەپ قالىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. 

ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر، چۈش چوڭ مېڭىدىكى خاتىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بولۇپ، خۇددى كالېيدوسكوپ ئارقىلىق كىنو قويۇپ بەرگەنگە ئوخشاش، «پىليۇنكا» ئاللىبۇرۇن چوڭ مېڭىدە ساقلىنىپ قالغان، دەپ قارايدۇ. 

图片

بەزىلەر: «مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ قانداق چۈش كۆرگىنىمنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن، بۇ نورمالمۇ؟ » دەپ ئەنسىرەيدۇ. 

ئەنسىرىمەڭ، بۇ بەك نورمال. ئەگەر ھەر بىر چۈش ئېسىڭىزدە بولسا، سىز رېئاللىقنى قانداق ئايرىيسىز ياكى چۈشنىمۇ؟ 
图片
نېمە ئۈچۈن [مەن بۇنى كۆرۈپ باققان] دېگەن ھالەت بولىدۇ؟

بۇنداق كەچۈرمىشى بولۇپ باققانلار بارمۇ: ئەسلىدە بىر كۈن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز «بۇ مەنزىرىنى چۈشۈمدە كۆرگەندەكلا» دەپ ھېس قىلىپ قالىدىغان. 

بۇ خىل ھادىسىنىڭ مەخسۇس بىر ئىسمى بار بولۇپ، ئۇ «ھەم كۆرۈش سېزىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئالامەتنى «قايتىلانما ئۆتمۈش خاتىرىسى» دەپ قارايدۇ. 

图片

لېكىن مېڭە كېسەللىكلىرى ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇنداق كۆپ ئويلىماسلىق كېرەك ئىكەن، بەزى تۇتقاقلىق كېسىلى بىمارلىرى مۇشۇنداق بولىدىكەن. 

مېڭە كېسەللىكلىرى ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، چوڭ مېڭىنىڭ بىنورمال زەرەت قويۇپ بېرىشى «پۇراش پوستلاق ماددىسى» دەپ ئاتىلىدىغان رايونغا تەسىر قىلغاندا، بىماردا« ھەم كۆرۈش سېزىمى» پەيدا بولىدىكەن. 

بۇ خىل نورمالسىز زەرەت قويۇپ بېرىش تۇتقاقلىق كېسىلى بىمارلىرىدىلا يۈز بېرىپلا قالماستىن، كۆپ ساندىكى نورمال ئادەملەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش« چوڭ مېڭە قىسقا تۇتىشىش» ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. پەقەت تۇتقاقلىق كېسىلى بار بىمارلار ئېنىق تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇنداق قىلمايدۇ. 

图片
نېمىشقا چۈشنى كونترول قىلغىلى بولىدىغاندەك ھېسسىيات شەكىللىنىدۇ؟

بەزىلەر دائىم چۈشنى كونترول قىلالايمەن دەيدۇ، ئەسلىدە مەن چۈش كۆرۈۋاتاتتىم، بىراق تۇيۇقسىز چۈشنىڭ ئىچىدە تۇرغانلىقىمنى ھېس قىلىپ، ئۆز ئېڭىمغا تايىنىپ چۈشنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلدىم. 

ئەمەلىيەتتە، بۇ چۈشنى كونترول قىلىش ئەمەس، بەلكى «سەگەك چۈش» . 1913-يىلىلا، ئالىملار« سەگەك چۈش» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

بىراق، چۈشنى كونترول قىلىش بىلەن چۈشنى سەگەكلەشتۈرۈش تامامەن ئىككى ئىش، ئادەم ئۆزىنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا چۈشنى كونترول قىلالايدۇ. 

چۈش ھەقىقەتەن ئاجايىپ-غارايىپ بولىدۇ. يۇقىرىقى چۈشنى سىز باشتىن كەچۈرۈپ باققانمۇ؟ 

图片

【声明】内容源于网络
0
0
Qux Tori
شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
内容 161
粉丝 0
Qux Tori شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىسخىكىلىق چۈش يېشىش تورى
总阅读28
粉丝0
内容161